ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھاياتنىڭ ئىللىق بىر يۈزىنى كۆرۈپ باقمىغان، پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ساخاۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۇچتۇرپانلىق 16 ۋە 17 ياشتىكى ئاكا-ئۇكىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان مەزگىلىدە لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلىپ، ئىستىقبالى قايتىدىن قاراڭغۇلاشقان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېردا 5يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ جازا مۇددىتىنى ھازىر قەيەردە ئۆتەۋاتقانلىقى ئاتا-ئانىسى ۋە يۇرت جامائەتكە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا نامرات بىر ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم ئاكا-ئۇكىلار 10 قا كىرمەيلا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. دادىسىنىڭ يېنىدا قالغان بۇ ئاكا-ئۇكىلار يېشى 12-13 كە يەتكەندە، دادىسى پارالىچ بولۇپ قېلىپ، ئوقۇشىنى توختىتىشقا ۋە ئاشخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ تەقدىرىگە ئېچىنغان ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى كەسپىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئاكىسى ئابدۇللا بوغالتىرلىقتا، ئىنىسى ئابدۇېكرىم ئاشپەزلىكتە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر تۇتقۇنى باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش-ئوقەت قىلىش ۋە نامراتلىق سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنى ياراشتۇرۇش، ئىللىق ئۈگىسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسى بەربات بولغان.
بىز بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر مەمۇرىي خادىم، بۇ مەكتەپتە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ مەكتەپتە بۇنداق كىملىكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بار-يوقلۇقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ قوغداش خادىمى نۆۋەتتە مەكتەپتە بۇ خىل كىملىكتىكى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇ ئىككىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
رادىيومزىغا كەلگەن ئىنكاستا دىيىلىشىچە، ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانغا بىرقانچە ئاي قالغان مەزگىلىدە 17 ياشلىق ئابدۇللا ئابدۇرەھىم ئۈرۈمچى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرسخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا 16 ياشلىق ئىنىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىممۇ مەكتەپتىن غايىب بولغان.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئاكا-ئۇكا ھەر ئىككىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر قانچە ئاي قالغاندا تۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى 17 ياشلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ دەرسخانىدىن، 16 ياشلىق ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئىمامالىرىمدىكى پراكتىكا قىلىۋاتقان بىر ئاشخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرەھىم 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئابدۇكېرىم ئابدۇرەھىم 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇتۇلغان. ئاشكارىلىنىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەكتەپتىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن نەلەردە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكىن. ئەمما ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم ئاۋۋال ئىماملىرىمدىن ئۇچتۇرپاندىكى بىر لاگېرغا، ئاندىن ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىىگە يۆتكەپ كېتىلگەن.
ئىنكاستا دىيىلىشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلاردىن بالا ۋاقتىدىلا ئايرىلىپ كەتكەن ۋە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئانىسى بالىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ئىجتىمائىي ئالاقە كۈچى يەتمىگەن. ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى مېيىپ دادىسى كەنت كادىرلىرىغا يىغلاشتىن باشقا ئامال قىلالمىغان. 2019-يىلى 10-ئايلاردا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئادۋوكات ئىماملىرىمدىكى ئالاقىدار كەنت كادىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ سوتى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە كەنت كادىرلىرى مەزكۇر ئادۋوكاتقا تېلېفون قىلغىنىدا، ئادۋوكات ئۇلارنىڭ 5 يىللىقتىن كېىسىلگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە كەنت كادىرلىرىغا بۇ ھەقتە ئۆزىنى قايتا ئىزدىمەسلىكىنى تاپىلىغان. مەزكۇر سوت كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مەھكۇملارنىڭ ئىماملىرىمدىكى دادىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەتتا كەنت كادىرلىرى ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتىنى نەدە ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان.
دەلىللىنىشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئۈرۈمچى كەسپىي مەكتەپكە كىرىشتىن 3-4 يىل بۇرۇن-ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىلىدە-قوللانغان تېلېفونىدىن چاتاق چىققانلىقى، يەنى «قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرى» نى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئىكەن. دېلونىڭ ۋاقىت تەرتىپىدىن قارىغاندا، بۇ ئاكا-ئۇكىلار 13 ۋە 14 ياش ۋاقىتلىرىدا «جىنايەت» ئۆتكۈزگەن، 16 ۋە 17 ياش ۋاقىتلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇلار لاگېردا 2 يىل تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ياشلىرى 18 ۋە 19 غا توشقاندا كېسىۋېتىلگەن.
ئېنىقلاشلىرىمىز بۇ ئاكا-ئۇكىلارغا چېتىلىپ بىر تۈركۈم ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنى ئۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى كەسپىي مەكتەپكە ئەۋەتكەن ساخاۋەتچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00