خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىققان ياكى چەتئەل بىلەن سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقى ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.
ئۈرۈمچىدىكى «ئالتۇن خاس» ئاياق كىيىملىرى شىركىتىنىڭ ئىگىسى ئامىنە تۇرسۇن تۈركىيە بىلەن سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەنە شۇنداق ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى پاسپورت ئىشلىتىپ چەتئەلگە چىقىشقا كەڭ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق 26 دۆلەتنى «مەسىلە بار» دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇ دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان.
دائىرىلەر ئامىنە تۇرسۇننىڭ قانداق سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، نېمە «جىنايەت» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئائىلىسىگە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن. بىراق ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاياق سودىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە بېرىپ-كېلىپ تۇرغانلىقى مەلۇم.
شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ تىجارەتكە كىرىشكەن ئامىنە تۇرسۇن تۈركىيەگە ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى بارغان. ئامىنە تۇرسۇننىڭ تۇركىيەدە تۇرۇشلۇق ھەدىسى ئاسىيە تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئامىنە تۇرسۇن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئاسىيە تۇرسۇن بۇنىڭغا ئامىنە تۇرسۇننىڭ تۈركىيەگە ئىككى قېتىم مالغا كېلىشى سەۋەب بولغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «سىڭلىم ئامىنە تۇرسۇن مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بانكىغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ، ئىشلىمەي تىجارەت قىلىمەن، دەپ ئىلغار تىجارەت قىلغان قىز بالا ئىدى. ئۈرۈمچى شەھرىدە تونۇمايدىغان ئادەم يوق، ئامىنە تۇرسۇن دىسە. تۈركىيەگە ئىككى قېتىم مالغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقان گەپ. تۈركىيەگە ئىككى قېتىم كەلگەن ئىدى. ھەر كەلگىنىدە بىر ئايغىچە مالنى ئېلىپ قايتاتتى. بۇ قىز تۇغۇتىدا ئاغرىپ قېلىپ، 4-دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققان. كىنىشكىسى بار قىز بالا تېخى، ئاران ساقايغان… ئۇنىمۇ ماڭا ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دوستى ‹سىڭلىڭنى 10 يىل كېسىپتۇ› دەپ يەتكۈزگەن. مەن ھەيران قالدىم.»
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئامىنە تۇرسۇننى 2018-يىلى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ جىيەنى ھاجى ئۆمەر ئوسمان بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. بىز ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا 2013-يىلى گوللاندىيەدە ئوقۇپ قايتىپ كەتكەن ئۇيغۇر ياش ھاجى ئومەرنىڭ 2018-يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھاممىسى ئامىنە تۇرسۇننىڭ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھاجى ئۆمەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدا ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە بۇ يىل 5-ئايدا بىڭتۇەننىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئامىنە تۇرسۇننىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئاكىسى ئەلى تۇرسۇنمۇ سىڭلىسىنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئەلى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان پاسپورتلىرىمىز بار ئىدى. سىڭلىمنى 10 يىل كېسىۋېتىپتۇ، تۈركىيەگە چىققان، دەپ. سىڭلىم ئۈرۈمچىدە ئاياق زاۋۇتى ئاچقان، ئاياق دۇكىنىمۇ بار ئىدى. ئاياقلىرىنىڭ خېلى داڭقى بار ئىدى، بىزنىڭ ئۇ دۇكانلىرىمىز ‹ئالتۇن خاس› ياكى ‹خاس ئاياقلىرى› دەپ ئىككى خىل نامدا ئېچىلغان ئىدى. . .»
ئەلى تۇرسۇنمۇ سىڭلىسىنىڭ 10 يىللىق كېسىلىشىگە ئۇنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئەلى تۇرسۇن يەنە مۇنداق دېدى: «مەن 2016-يىلنىڭ ئاخىرى كۆرۈشۈپ كەلدىم. سىڭلىمنى 2018-يىلى ئەكىرىپ كېتىپتۇ. ئۈندىداردا 2018-يىلى 6-7-ئايلاردىن باشلاپ يوقاپ كەتتى… سىڭلىمنىمۇ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتىكەن. ھازىر قەيەردىلىكىنى، ھاياتمۇ ياكى ھايات ئەمەسمۇ، بىلمەيمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا دائىر كۈچلۈك دەلىللەر خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان قورقۇنچلۇق بۇزغۇنچىلىقنى تەكشۈرۈش سادالىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ كەلدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا شەرت قوشۇپ، ئۇنىڭ چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى سىرتتىن تەكشۈرۈشنى باشلىشى كېرەك ئىكەن.