ئاندېرس كور: ئامېرىكادا ئادالەتنى تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن خىتايدا ئۈمىد يوق

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جورج فلويىدنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەسىتىنى خيۇستوندىكى مەدھىيە بۇلىقى چېركاۋىغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 9-ئىيۇن.
جورج فلويىدنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەسىتىنى خيۇستوندىكى مەدھىيە بۇلىقى چېركاۋىغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 9-ئىيۇن.
AP

25-ماي مىننېسوتا شتاتىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە 20 دوللار ساختا پۇل ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئافرىقىلىق ئامېرىكالىق، يەنى قارا تەنلىك جورج فلويد ئىسىملىك كىشى قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھادىسە، ئامېرىكادا ساقچى زوراۋانلىقى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى «جورج فلويدقا ئادالەت» نامىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. نامايىش ئامېرىكانىڭ باشقا شىتاتلىرىغىمۇ كېڭىيىپ، ئىككى ھەپتىدىن بىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكادا باشلىنىپ دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدىمۇ كۆتۈرۈلگەن بۇ نامايىش ئارقىلىق دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ساقچى زوراۋانلىقى ۋە ئىرقىي كەمسىتىلىشكە نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ خوڭكوڭدا ئىككى يىلدىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان نامايىشتىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قايتا دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 1-ئىيۇن» قارا تەنلىكلەرگە ياشاش ھەققى بېرىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك «دەپ بايانات ئېلان قىلدى. لېكىن خوڭكوڭدىكى نامايىشلار ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرمىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ 1-ئىيۇن ئۆزىنىڭ تۋىتتىر ھېسابىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان «مەن تىنالمىدىم» (#ICantBreath) خەشتەگىنى ئىشلىتىپ ئامېرىكادىكى نامايىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇا چۈنيىڭنىڭ يۇقىرىقى تۋىتتىر سۆزى مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. خۇا چۈنيىڭنىڭ تۋىتتىردىكى بۇ سۆزىنىڭ ئاستىغا:» خىتاي ئاتا-ئانامنى، قېرىنداشلىرىمنى لاگېرغا سولاپ قويدى. ھازىر ئانامنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالماي نەپەس ئالالمايۋاتقان مەن «دېگەندەك ئىنكاسلار يېغىپ كەتكەن.

بوستوندا تۇرۇشلۇق شەھىدە ئېلى ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلىدىن بىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى:» دادام خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا نەپەس ئالالمايۋاتىدۇ، مەن بۇ يەردە ئائىلەمدىن خەۋەرسىز، مەن نەپەس ئالالمايۋاتىمەن. ئەسلىدە بىزنى خىتاي راھەت نەپەس ئالغىلى قويمايۋاتىدۇ «.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئاندېرس كور خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇنداق دېدى:» خىتاينىڭ بۇ نامايىشتىن پايىدىلىنىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىدۇ. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى بار، مەسىلەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن مىليونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خوڭكوڭ مەسىلىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. ھەتتا تارىخىدا قانلىق باستۇرغان تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 31 يىللىقى يېقىندا خاتىرىلەندى. توغرا، ئامېرىكادا جورج فلويد تىراگېدىيەسى يۈز بەردى. ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى توغرا، دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلالايدۇ. لېكىن خىتاي بۇنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخباراتتا ئامېرىكانى قارىلايدىغان قاراشلارنى كۈچەپ تەشۋىق قېلىۋاتىدۇ «.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:» خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ جورج فلويدنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمىنى نومۇسسىزلارچە سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشى، خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۈچۈن يالغانچىلقنىڭ چېكى يوق، بۇ تارىختىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كەلدى. ئەمما خىتاينىڭ بۇ كۈلكىلىك تەتۈر تەشۋىقاتى ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ «.

ئاندېرس كور ئەپەندى:» ئادالەتسىزلىككە قارشى نامايىشلارنىڭ بولۇشى نورمال، لېكىن خىتايدەك 21-ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ مىليونلىغان ئىنسانلارنى لاگېرغا سولىغان، خوڭكوڭدا ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش قىلغانلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكاغا ئادالەتتىن دەرس بېرىشى ھەقىقەتەن كۈلكىلىك «دېدى.

ئاندېرس ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:» ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكاغا قارشى پىكىر ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلىۋاتىدۇ، خىتايغا قارشى ئەمەس. چۈنكى كىشىلەر ئامرىكادەك دېموكراتىك دۆلەتتىن ئادالەت تەلەپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خىتايدىن ئادالەت تەلەپ قىلىشقا ئۈمىدى يوق. مانا بۇ ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك تەرىپى «.

ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان نامايىش بارغانسېرى تىنچ ھالەتكە ئۆتتى. ساقچى ۋە نامايىشچىلار بىرلىكتە جورج فلويدقا تەزىيە بىلدۈردى. جورج فلويدىنڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جورج فلويدىنڭ ئىرقى كەمسىتلىشنىڭ ئاخىرقى قۇربانى بولۇپ قېلىشنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرقنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تىنچ-باراۋەر ياشىشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت