شەرقىي تۈركىستاندا يەنە «مەسىلىلەر»نى 30 يىل ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش دولقۇنى قوزغالغان
يېقىندا دۇيىن (Douyin) دا تارقالغان بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىڭ 30 يىل ئارقىغا ياندۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا نۆۋەتتە پىنسىيەگە چىقىپ بولغان رەھبەرلەرنىڭ ئىلگىرى سادىر قىلغان مەسىلىلىرىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى تىرىكلا بولسا سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇش گەرچە دۆلەت مىقياسىغا قارىتا چىقىرىلغان ۋە پەقەت چىرىكلىك توغرىسىدا دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنغاندا، ھەرىكەتنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى نىشان قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە ئەندىشە قوزغىماقتا.
قەشقەر پەيزىۋاتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچىخانا خادىمى مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ «خۇيتوۋكەن» (ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش) نامىدا باشلىنىپ بولغانلىقى ۋە ئۆمەر ئابلىز ئىسىملىك بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن ئۆمەر ئابلىز 1980-يىللاردا ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە، تەۋەلىكىدىن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان بىرنەچچە كىشىنىڭ پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاينىڭ مەسىلىلەرنى ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش دولقۇنىنىڭ 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا بىر قېتىم ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ماھىيەتتە قىلچە چېكىنىش بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلارغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى
2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئاھالىلەر 10-20 يىل بۇرۇن قىلغان ئىبادەتلىرى، يازغۇچى-شائىرلار بولسا، بىرنەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى كىتاب-ماقالىلىرى سەۋەبلىك 10 نەچچە يىللاپ كېسىلگەن ئىدى.
ئارسلان ھىدايەت: خىتاي خەلقئارا چەكلىمىلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ھالقىغان قولىنى ئۇزارتىۋاتىدۇ
ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ئاخباراتچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، دۆلەت ئىچىدە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ چەتئەللەردىمۇ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جاۋاب كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققەت ۋە غەزىپىنى قوزغىدى.
ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تارمىقىنىڭ يىتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، خىتايدىكى بۇ ھەددىنى بىلمەسلىكنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قارىتا چەكلىمىلىرىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دېگەنلىرى مەنتىقسىز بولسىمۇ، ئەمما خەۋپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ بىر ماددىسىدا بۇ قانۇننىڭ چەتئەللەردىمۇ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ماددىنى بىر سىمۋوللۇق ماددا دەپ قاراپ كەلگەن ئاخباراتچىلار، جۈملىدىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي مىنىستىردىن مەزكۇر ماددىنى سورىغىنىدا، خىتاي مىنىستىر خىتاينىڭ بۇ ماددىنى چەتئەللەردىمۇ ئىجرا قىلىش ھەققى بارلىقى ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا قويغان.
ئارسلان باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ خىل قانۇنسىز ئىجرااتلىرىنى دېموكراتىك غەرب ئەللىرىدە يولغا قويالىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە، جۈملىدىن تۈركىيەدە ئىجرا قىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن خېلى بىر مەزگىل تۈركىيەدە قاماقتا تۇتۇلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، خىتاينىڭ بۇ تۈرلۈك زورۋانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆز تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتلەردە قانۇنىي جەھەتتىن يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارسلان باياناتىنىڭ ئاخىرىدا غەرب ئەللىرىدىكى خىتايغا قارشى چەكلىمە تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق بولمايۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن جاسارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەدە بىر رايون باشلىقى: خىتاي كونسۇلى بىلەن سۆھبىتىمدە ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىدىم
ئالدىنقى ئايدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ يەردىكى جۇڭگولۇق ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى كونسۇلخانا تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا مەيلى ئاخبارات، مەيلى بەلەدىيە تور بېتىدە ئېلان قىلىنمىغان بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 22-ئىيۇن كۈنى كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر سۆھبەتكە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشتا، تەشكىلات باشلىقى مۇساجان ئەر، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئالىمجان بۇغدا ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، كۆپ نوپۇسلۇق بىر ئەسىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدىن بىرنەچچە ئون كىشى جازا لاگېرلىرىدا جازا ئۆتەۋاتقان بۇ كۈنلەردە، رايون باشلىقىدىن خىتاي كونسۇلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ھەم ئەخلاقىي نۇقتىدىن دۇرۇس ئەمەسلىكى، ھەم كۈچۈكچەكمەجىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئەندىشىلىنەرلىك بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نامايىشچىلار يەنە رايون باشلىقىدىن خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
رايون باشلىقى كامال چەبى ئەپەندى بۇ تەلەپكە بىنائەن نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن بولغان سۆھبىتى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىغانلىقى ۋە ھەرقانداق كېلىشىم تۈزۈلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. رايون باشلىقى يەنە ئۆزىنىڭ كۈچۈكچەكمەجىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەرۋاقىت ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكى، بەزىدە ئۇيغۇر مەسچىتىگە كىرىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە زۆرۈر تېپىلسا، خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە بىر يازمىچە ئىزاھات باياناتى ئېلان قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە غوجانىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئالقىشلار ئىچىدە داۋام قىلماقتا
رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى، تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى گۈلچېھرە غوجانىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان تۈركىيە زىيارىتى ئالقىشلار ئىچىدە داۋام قىلماقتا. گۈلچېھرەنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى، ئۆزىنىڭ كەچمىشى ئاساسىدا يېزىلغان «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش، كىتابخان ۋە ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تۈرك خەلقىگە چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان؛ پائالىيەتلىرى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات زىيارىتى قوبۇل قىلىش، مۇھىم سىياسىي ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىش شەكلىدە داۋام قىلماقتا.
ئۇنىڭ بۇ پائالىيىتى 22-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا باشلاندى، ئۇنىڭدىن كېيىن كونيا ۋە ئەنقەرەلەردە داۋام قىلدى. ئۇ زىيارىتىنىڭ ئەنقەرە بېكىتىدە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئوخشىمىغان پارتىيەلەردىن 8 مىللەت ۋەكىلى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. گۈلچېھرەنىڭ بۇ پائالىيىتى تۈركىيەدىكى رەھمەت تامچىسى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە ئاخبارات جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسئۇل خادىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، گۈلچېھرەنىڭ جانلىق ھايات كەچمىشى، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىكى تۆھپىلىرى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ۋە كۆرۈشكەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
گۈلچېھرەنىڭ پائالىيىتى ھەققىدىكى ئېلانلاردا، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن 20 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغاندىمۇ خىتاينىڭ لاگېرلىرىنى پاش قىلىشتىن توختىمىغانلىقى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا باش ياغلىقنى كونىلىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ تەنقىد قىلىۋاتقان يىللاردا، ئۇنىڭ ئېكرانغا باش ياغلىق بىلەن چىقىپ، مىللىي مەدەنىيەتكە ساھىب چىقىش جەھەتتە ئۈلگىلىك رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى ۋە ئۇيغۇر ئاخبارات تارىخىدىكى تۇنجى باش ياغلىقلىق رىياسەتچى دەپ تەرىپلەندى. مەلۇم بولۇشىچە، گۈلچېھرەنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئىستانبۇلدا ئاخىرلىشىدۇ، ئاخىرقى پائالىيەتلەردىن بىرى تونۇلغان ژۇرنالىست تاھا كىۋانچ بىلەن تاكسىم مەيدانىدا بىر مەسچىتتە سۆھبەت شەكلىدە داۋام قىلىدۇ.
گۈلچېھرە 1990-يىللاردا شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ بالىلار پروگرامما رىياسەتچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ شۇ يىللاردىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئورۇن ئالغان. ئۇ 2000-يىللاردىن باشلاپ رادىيومىزدا مۇخبىرلىق قىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى رادىيودا ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ئۆزى يازغان بىئوگرافىك كىتابىنى تونۇشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتى، ئەنە شۇ ئەمگەكلىرىدىن بىر پارچىدۇر.
پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى رۇشەن ئابباس خانىم نيۇيوركتىكى «Woman’s eNews» نامىدىكى بىر ئاياللار تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2026-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى بولۇپ باھالاندى ۋە مۇكاپاتلاندى. مەزكۇر مۇكاپاتلاش مۇراسىمى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا سۆز قىلغان روشەن ئابباس خانىم بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جاسارىتىگە، چىدامچانلىقىغا ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە بېرىلگەن مۇكاپات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر تەشكىلات 2000-يىلى قۇرۇلغان ۋە غايىسى ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى غايە قىلغان بىر ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر. ئۇ ھەر يىلى بۇ ساھەدە خىزمىتى گەۋدىلىك بولغان ئايال ئاۋانگارتلارنى باھالايدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى
16- ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتى بىريۇسسېلدا ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا قاراتقان «دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك» قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ياۋروپانىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك قارار لىيىھەسىنى ماقۇللىدى. قاراردا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكلىرى قاتتىق تەنقىدلەندى.
قاراردا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ رەقەملىك نازارەت، تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاينىڭ ياۋروپادا قانۇنسىز يوشۇرۇن ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ياۋروپالىق ئاكادېمىكلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئەيىبلەندى.
قاراردا، ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قەتئىي يول قويماسلىق ۋە ئورتاق بىر قانۇنىي ئېنىقلىما بېكىتىش؛ دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى سۇيئىستىمال قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان سىياسىي غەرەزلىك «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى قۇرۇش؛ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى پاسپورت ياكى ھۆججەت بېجىرىش ئۈچۈن ئەلچىخانىلارغا كېلىشكە مەجبۇرلاپ، شۇ يەردە قورقۇتۇش ياكى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئالاھىدە ۋىزا تەسىس قىلىش ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداشنى يولغا قويۇش؛ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى جازالاش ۋە ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئالتۇن ۋىزا سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە، خۇسۇسەن خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى قوغداشقا بولغان ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان كۈچلۈك بىر قەدەم دەپ باھالانماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار رەسمىي ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋرۇپا كومىسسىيەسى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا يوللانغان.
خىتايلارنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى
يېقىندا، دوۋيىن (تىك-توك) سۇپىسىدا تارقالغان بىر ۋىدىيو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر ۋىدىيودا، 23-ماي كۈنى شىخەنزە شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلاردىن تەركىب تاپقان 400 گە يېقىن ئەر-ئايالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، كوللېكتىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوينىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ نومۇرنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقىنى ھەمدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىق روھىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىخەنزە شەھىرى 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ۋىدىيو تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ”(خىتاي دائىرىلىرى) خىتايلارغا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرچە مۇزىكىغا ئۇسسۇل ئويناتقۇزۇپ، ’يېقىندىكىنى ئىزىش، يىراقتىكىنىڭ كۆزىنى بوياش‘ سىياسىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئالداۋاتىدۇ.“
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ مەزكۇر قىلمىشقا قارىتا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: ”بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىگە قىلىنغان بىر ھاقارەت، شۇنداقلا بىر قېتىملىق كۈلكىلىك تەشۋىقات ئويۇنىدۇر. خىتايلار ئۆزىنى ئۇيغۇر قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش ’ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى‘نى تەشۋىق قىلماقتا. "
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”خىتايلارنىڭ بۇنداق بىر نومۇرنى پىلانلاپ ئورۇنلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش؛ ئىككىنچىدىن، خەلقئاراغا كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئۇنى قەدىرلەۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ھازىر لاگېرلاردا بولغاچقا، ئۇنچىلىك بىر نومۇرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەش ئىمكانىيىتى يوق، يەنى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان. كۆپ سانلىق كىشىلەر ئادەتتە ئالدىنقى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، كېيىنكى نۇقتىنى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئەمما خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، يەنى ئۇنى يوق قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتى دەپ كۆرسەتمەكچى.»
ۋولكېر تۈرك: خىتاينى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Türk) جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن 62-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى يېقىندا ماقۇللانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ”مەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇ سىياسەتلەرنىڭ شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت يېڭى قانۇن تىل، مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، پىكىر بايان قىلىش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش، شۇنداقلا ئومۇمىي جەھەتتىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن يۈرگۈزۈلۈشىنى جازالاش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا. مەن بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە بۇنداق قىلمىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمەن.“
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 12-مارت ماقۇللانغان ۋە 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى كۈچەيتىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەدە، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتى نىشانغا ئېلىنغان بولۇپ، مائارىپ ۋە ئاممىۋىي تۇرمۇشتا خىتاي تىلى يەرلىك تىللارنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىي دەسسىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىشى چەكلىنىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا «كومپارتىيەنى سۆيۈش، خىتاي مىللىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» ئىدىيەسى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلىدۇ، دىنىي ئېتىقادلارمۇ سوتسىيالىستىك قىممەت قاراشلىرىغا بويسۇندۇرۇلىدۇ.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن خىتايدىكى «تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى ۋە مىللىي زۇلۇمنى توختىتىشى ئۈچۈن دۇنياۋى بېسىمنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
