ئانتونىي بىلىنكېن: «خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىپ مەجلىسكە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن»
2024.05.28

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىپ مەجلىسكە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور ھېسابىدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن (Antony Blinken) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پائالىيەتلىرى، ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى، دۇنياۋى قىيىنچىلىقلار ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2025-يىللىق خامچوت تەلىپى قاتارلىق مەزمۇنلاردا دوكلات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلىنكېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ پەرقلىق تېمىلاردىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بۇ يىغىندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كېلىشى ۋە ئۇنى تېزدىن ئىجرا قىلىشى ھەققىدە بىلىنكېنگە چاقىرىق قىلىنغان.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىك يېقىنقى يىللاردا داۋاملىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ يىرىكلىكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ تۈپەيلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2022-يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىت رومنېي (Mitt Romney) تونۇشتۇرغان «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى» نى قوبۇل قىلغانىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كېلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى» نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا ئۇزۇن بولسىمۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كەلمىگەن. بۇ سەۋەب بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مىت رومنېي بىلىنكېننى تەنقىد قىلغان ۋە تېزدىن خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ۋە مىت رومنېينىڭ بىلىنكېندىن تەلەپ قىلغان خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشى تەلىپى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
‹دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى› بولسا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىككى شەكىلدە، بىرى مەخپىي، ئىككىنچى بىرى مەخپىي بولمىغان شەكىلدە خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قانۇن قوبۇل بولۇپ 10 ئاي ئۆتتى، لېكىن بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كەلگىنى يوق. شۇڭا مىت رومنېي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنگە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشىنى ئېيتتى. مەن بۇنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن. نەتىجىسى قانداق بولىدۇ يېقىندا كۆرىمىز. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ خامچوت تەلىپى ئاساسلىق مەسىلە بولمىدى. خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۈنى تېزدىن ئىجرا قىلىش بولسا مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولدى. بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ھېچ بولمىغاندا خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى رومنېي بۇ پۇرسەتنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى».
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىت رومنېي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنگە مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ ئارزۇسى دۇنيانى باشقۇرۇش-ھەربىي، ئىقتىسادىي، گېئو-سىياسىي جەھەتتە دۇنيانى كونترول قىلىش. خىتاينىڭ چوڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەن تۆۋەندە خىتاينىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان تاكتىكىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن. خىتاي مۇھىم كەسىپلەرنى مونوپول قىلىۋاتىدۇ. كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇپ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. تور سىستېمىسى ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە زىيان بېرىۋاتىدۇ. خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى رەھبەرلىك ئورنىغا كىرىۋېلىپ تەسىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ھەربىي ئەسلىھەلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىش، دۇنيادىكى ئاساسلىق خام ئەشيالارنى مونوپول قىلىش، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن تېخنىكا ئوغرىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېزدىن خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىمەن».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسك (Henryk Szadziewski) بىر يىل بۇرۇن مەجلىستە قوبۇل قىلىنغان قانۇننىڭ روھى بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، بۇنى مەجلىسكە ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ماھىيەتتە ‹دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى› ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قۇيۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قۇيۇشى بەك كېچىكتى. تەلەپ قىلىنغان مەخپىي ئىستراتېگىيەنى ياكى ئىستراتېگىيەنىڭ مەخپىي بولمىغان قىسقىچە مەزمۇنىنى مەجلىسكە ئەۋەتكىنى يوق. يەنى ھېچبىر شەكىلدە خىتايغا قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ مەجلىسكە ئېلىپ كەلگىنى يوق. ‹دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى› بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ مەجلىسكە ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا بۇ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ بېسىم ئاستىدا، مەجبۇرىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىندى».
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى يىغىندا ئانتونىي بىلىنكېن كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىت رومنېينىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىپ مەجلىسكە يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«ئالدى بىلەن، سىزنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھەربىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ئۈستۈنلۈكنى ياكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىڭىزگە قوشۇلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىپ مەجلىسكە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن».
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى يىغىندا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن (Dick Durbin) ئانتونىي بىلىنكېندىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان گۈلشەن ئابباس قاتارلىق تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا دائىر قانۇنلارنى ماقۇللاش ھەمدە دىپلوماتىيە ساھەسىنى نازارەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ.