رىك سكوت: خىتاي ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنا تەتقىقاتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى رىك سكوت خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋاكسىناسىنى ياساپ چىقىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ياشاش خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىدا بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ئائىت دەلىل ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ۋاكسىنىنى چوقۇم ياساپ چىقىمىز. ھالبۇكى، كوممۇنىست خىتاي بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشقا ياكى ئىشلىرىمىزنى ئاقسىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. قولىمىزدا ئىسپات بار. خىتاي بىزنىڭ بۇنى تۇنجى بولۇپ ياساپ چىشىمىزنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى بولۇشنى تاللىدى.»

ئۇ خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا ئائىت ئىسپاتلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بۇنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرىدىن كەلگەنلىكنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك توربۇزارلارنىڭ (خاككېرلارنىڭ) ئامېرىكىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا، داۋالاش ۋە دىئاگنوز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى 6-ئىيۇنغىچە دۇنيا بويىچە 6 مىليون 731 مىڭ 793 ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، 393 مىڭ 721 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبلىك نۇرغۇن دۆلەتلەر سودا ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز بىر نەچچە دۆلەت كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا تۇتۇنغان ۋە دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

رىك سكوت سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋاكسىنا ھەممەيلەنگە بىردەك مۇھىم. مەيلى ئەنگلىيە ۋە مەيلى بىز باشتا ياساپ چىقايلى، بىز بۇنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ئۇنداق قىلمايدۇ.»