كۆزەتكۈچىلەر: «پېردۇنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تاللىنىشى بېيجىڭ ئۈچۈن شۇم خەۋەر بولۇشى مۇمكىن»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.12.11
trump-David-Perdue-Tom-Cotton ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە «فورتۇن 500» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى داۋىد پېردۇ (David Perdue) ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتون(Tom Cotton) بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 2-ئاۋغۇست، ئاقساراي. ۋاشىنگتون.
AFP/Jim Watson

2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان ئامېرىكانىڭ يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك كابىنېتىنى تەشكىللەشنى داۋام قىلماقتا. ئۇ 5-دېكابىر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە «فورتۇن 500» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى داۋىد پېردۇ (David Perdue) نى تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ترامپ ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا داۋىد پېردۇنى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «پېردۇ مېنىڭ رايون تىنچلىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەمنى يولغا قويۇشتا ھەم شۇنداقلا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

پەيشەنبە كۈنى پېردۇ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ترامپنىڭ يازمىسىنى ھەمبەھىرلىگەن، شۇنداقلا ترامپنىڭ «دۇنيانى قايتىدىن بىخەتەر قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مېنى ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىلىكىگە كۆرسەتكەنلىكىنى ھەقىقەتەن شەرەپ بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ۋەزىپە بىلەن ئىككى قېتىم ئاسىيادا ياشىغانلىقىم ئۈچۈن، مەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشىنىمەن ھەمدە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۇنيانى قايتىدىن بىخەتەر قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى كۈتۈۋاتىمەن.»

NBCخەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دونالد ترامپ بۇ قارارىنى جاكارلىغاندا «داۋىد پېردۇنىڭ 40 يىللىق خەلقئارالىق سودا ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىزمەت قىلغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، داۋىد پېردۇ خىتاي، سىنگاپور، خوڭكوڭ ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ يىل ئىشلىگەنىكەن.

دونالد ترامپ ھەر قايسى ئاخبارات قاناللىرىغا سۆز قىلغاندا، ۋەزىپىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن خىتاي ماللىرىغا %60 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە. «سىياسەت» (Politico) ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە يازغان خەۋىرىدە «ۋاشىنگتوندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ترامپنىڭ باش ئەلچىنى تاللىشىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ تەھدىتكە قانچىلىك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتمەكتە» دەپ يازغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 10-دېكابىر «خىتاي ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە «دونالد ترامپ تېخى ئاقسارايغا قايتىپ كەلمىگەن، ئۇنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قويماقچى بولغان تەھدىت خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ ئاللىقاچان كېيىنكى ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئۆچ ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» دېيىلگەن.

«سىياسەت» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ترامپ پېردونى باش ئەلچىلىككە كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى، ۋاشىنگتوننىڭ تاللىشىغا باغلىق.»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 10-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا ئىقتىسادقا مەسئۇل خەلقئارالىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ۋە تېخنىكا ئۇرۇشى تارىخى يۈزلىنىش ۋە ئىقتىسادىي پىرىنسىپلارغا زىت. بۇ خىل ئۇرۇشتا ھېچكىم ئۇتالمايدۇ.»

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئانالىزچىسى ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پېردونىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تاللىنىشى ناھايىتى ياخشى تاللاش، دەپ قارايمەن. ئۇ بىر جەڭچى، ئۇ جورجىيا(Georgia) ئىشتاتىدىن كەلگەن. ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. خىتاي دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى، پېردو بۇنى چۈشىنىدۇ. پېردۇ سايلانغان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەڭ يېڭى تاللىشى. رۇبىيو ۋە ۋالزدىن كېيىن ترامپنىڭ پېردۇنى بۇ خىزمەتكە تاللىشى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى ئىنتايىن قاتتىق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇمۇ سۆزىدە دونالد ترامپنىڭ، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە پېردۇنى تاللىشىنىڭ ناھايىتى توغرا تاللاش بولغانلىقنى تەكىتلىدى.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ ئالدىنقى ئايدا بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ماركو رۇبىيو (Marco Rubio)نىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، مايك ۋالتىز (Mike Waltz)نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى، جون راتكىللېف (John Ratcliffe) نىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

روشەن ئابباس خانىم دونالد ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە تاللاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاينى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان سىياسىيونلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns)، ترامپ داۋىد پېردۇنى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا يازما ئېلان قىلىپ، پېردوغا «بۇ مۇھىم ئورۇندا زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى» تىلىگەن.

سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى داۋىد پېردۇنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىيلىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.