ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر ئەۋلادلار مىللىي يىلتىزىغا باغلانغان تۇيغۇ ۋە ھېكايىلىرىنى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«قەلبىدىكى ئىزتىراپ ۋە ئازابلىق ھېكايىلىرىنى رەسىم سىزىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىش يۈرەكتىن چىققان بىر خىل ئىپادىلەش شەكلى بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر قەلب يارىلىرىغا نىسبەتەن، بۇ پائالىيەتنىڭ ئامېرىكادا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭمۇ روھىيىتىنى چىرماپ تۇرغان بېسىملاردىن ئازاد بولۇشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىمەن» دەيدۇ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە گۈزەل سەنئەتچى ئېرىكا برىگ.

ئۇ، 11-يانۋار كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان فەيىرفاكس رايونىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكادا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان 16 ياشتىن يۇقىرى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەسۋىرى سەنئەت ئارقىلىق قەلبىدىكى ھېكايىلىرىنى تەسۋىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە مەزكۇر رايون ۋە ئەتراپتىكى جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە بىر قىسىم ئۆسمۈر بالىلارمۇ قاتناشتى. ئېرىكا بىرگ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا رەسىم سىزىشتىن ئاددىيغىنا ساۋات ۋە ئۆرنەكلەر كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسى دوسكىغا يېزىلغان بەش سوئالنىڭ قايسىغا يېقىن كەلگەن بولسا، شۇ جۈملىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەسۋىرىدىكى ھېكايىسىنى سىزما ئارقىلىق ئىپادە قىلىشىنى تاپشۇردى.

بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ھېكايىسىنى سىزىپ چىقىشى ئۈچۈن دوسكىغا مۇنۇ بەش سوئال جۈملىلەر يېزىلغان ئىدى.

1. ئۇيغۇر بولۇش سىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

2. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشى شەخسەن سىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

3. شىنجاڭدىكى ئائىلىڭىز بىلەن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرى نېمە؟

4. شىنجاڭدىكى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئەركىنلىك نېمىدىن ئىبارەت؟

5. كەلگۈسى ھەققىدىكى ئارزۇيىڭىز نېمە؟

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ياشلار دەسلەپ قەلەمنى تۇتقانچە ئويغا پېتىپ، ئارقىدىنلا بەزىلىرى ئالدىغا قويۇلغان ئاق رەسىم قەغىزىگە سىزىشقا باشلىدى، بەزىلىرى ھېكايىسىگە بىر پارچە قەغەز كۇپايە قىلمايدىغاندەك ھېس قىلغان بولسا كېرەك، قەغەزنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بېقىشتى، بەزىلىرى سىزغانلىرىنى تەكرار ئۆچۈرۈپ قايتا باشلايتتى. ھەممە ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھېكايىلىرىنى قەغەز يۈزىدە ئىپادە قىلىش بىلەن ئالدىراش پەيتىدە، ئېرىكا خانىم ئۈستەللەرنى ئالدىرىماي ئارىلاپ، بالىلارنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادىلىشىگە پسىخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە تۇيغۇلىرىغا ماس رەڭ تاللاش قاتارلىق رەسىم سىزىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، ھەممە ئىشتىراكچىلار خۇددى ئۇستا رەسساملاردەك تالانتىنى ئىپادە قىلىشقا باشلىدى.

بىز، بالىلار رەسىم سىزىۋاتقان ئەسنادا پائالىيەتكە ياردەملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇمارىس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى ۋە ئۆزىنىڭ بالىلاردىكى ۋەتەن ۋە مىللىتىگە بولغان باغلىنىش ھەمدە ھېس-تۇيغۇ جەھەتتە بىر-بىرى بىلەن بولغان باغلىنىشنى كۆرۈپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسلىدە گۈزەل-سەنئەتچى ئېرىكانىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى يىغىپ بۇنداق بىر ئالاھىدە پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىشىغا ئۇنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىن، خىتاينىڭ لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان فىرقەت جەۋدەتنىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىشى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئاخىرى ئۇ فىرقەت ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان پائالىيەت ئاخىرلىشىشقا يېقىن، ئېرىكانىڭ ئۈستىلىگە بۇ ئۇيغۇر بالىلىرى تەرىپىدىن سىزىپ چىقىلغان رەڭگارەڭ رەسىملەر دۆۋىلەندى، بۇ رەسىملەرنىڭ ھەر بىرىنى بىر ھېكايە، ھەر بىرىنى يەنە بىر پارچە گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى دېيىشكە بولاتتى.

ئېرىكا خانىم رەسىملەرگە سىنچىلاپ ئايرىم-ئايرىم قاراپ چىقىپ، «بۇلار خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە سىزىلغان ئابستراكىت رەسىملەر. بۇ نەتىجىدىن، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، بەلكى باي ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە تالانتلىق بالىلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىپ تەس ئەمەس» دېدى.

بىز بىر قانچە ياشتىن ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىدە نېمىلەرنى ئىپادە قىلغانلىقىنى سورىدۇق.

ئېرىكا خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى ۋە پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، بۈگۈنكى پائالىيەتتە قاتناشقان بالىلارغا نىسبەتەن تېمىلار بەك مۇرەككەپ بولۇپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە ئىپادىلەش كۈچىدىن ھەيران قالغانلىقىنى، سىزىلغان رەسىملەرنىڭ بولسا، ئۆزى ئىلگىرى ئوخشاپ كېتىدىغان زۇلۇملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، روھىنگا ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئوخشاش پائالىيەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن ۋە ئوبرازلىق ھەمدە تېخنىكا جەھەتتىمۇ خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە سىزىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەسىملەردە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگىنى كۆك ۋە قىزىل رەڭ، ئەڭ كۆپ سىزىلغىنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئىدى. ئېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرى سىزغان رەسىملىك ھېكايىلەردە ئىپادىلەنگەن ئەڭ يارقىن تەرەپلەر ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «رەسىملەر ئۇلارنىڭ روھىيىتىدىكى قارمۇ-قارشىلىقلارنى، زىددىيەتلەرنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا خاس بولغان قىزىل رەڭنى بالىلار ئازابقا، زۇلۇمغا سىمۋول قىلىپ ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا سېلىشتۇرما شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان كۆك رەڭنى، ئەركىنلىك، چۈش، ۋە بەختنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوللانغان. ھەر بىر رەسىمدە ئىپادىلەنگەن ھېكايىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئامېرىكىدا ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغىچە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئىزدەش، يەنى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەش روھى ۋە ئۇيغۇرلۇقىنى ئىپادە قىلىش ئىستىكى مېنى تەسىرلەندۈردى».

ئېرىكا خانىم ئالدىمىزدا، ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئوخشىمىغان ياشلار گۇرۇپپىلىرىغىمۇ بۇ خىل پائالىيەتنى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ ئوخشاش ھېكايىلىرىنى رەسىم سىزىش ئارقىلىق ئىپادىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرماقچىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي مەخسۇس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ھېكايە كۆرگەزمىسىنى ئېچىشنى ئاخىرىدا يەنە رەسىملىك كىتاب ئىشلەش پىلانىمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئېرىكا خانىم يەنە ئۇيغۇرلارغا بۇنداق شەكىلدىكى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلۇمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىچە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تونۇشى ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق بۇ تراگېدىيەدىن قۇتۇلۇشىغا ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلار ۋە بالىلار ئۆزئارا رەسىملىرىنى قولدىن-قولغا ئېلىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە، مىللىتىگە باغلانغان قەلبىدىكى ھېكايىلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى مۇشۇنداق گۈزەل سەنئەتنىڭ تىلى ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەپ چىقىرالىغانلىقىدىن ھاياجانلانغان بولسا ئۇيغۇر بالىلىرى سىزغان رەسىملەرنى ئالدىغا تىزىۋالغان ئېرىكا ئۇلاردىمۇ بەكرەك ھاياجانلانغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت