ئامېرىكادىكى سىياسىي ئەربابلار خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىم.
Photo: RFA

«ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا 6-ئىيۇن كۈنى «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكانىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى كارل گەرشمان نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارغا سۈكۈت قىلغانلىقنىڭ ئۆزى «جىنايى سۈكۈتتۇر» دېدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئىپتىخارلىق ئىلىكىدە ساقلاشقا ۋە قوغداشقا چاقىردى.

دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت