تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈزەلنۇر كامىل خانىمنىڭ رادىيومىزغا بەرگە ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئىيۇل ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، بۇلار ئىچىدىكى بىر سىڭلسى مېيىپ ئىكەن.

گۈزەلنۇر خانىم 2016-يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە مال سالغۇزۇپ تىجارەت قىلغان، ئەمما بۇ تىجارەت 2017-يىلىدىكى زور تۇتقۇن تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان. 2024-يىلى ۋەزىيەت سەل پەسىيىپ، يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ تىجارىتىنى قايتا باشلىغان. يولدىشى قىرغىزىستاندا دائىم تۇرۇپ تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۆت بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش گۈزەلنۇر خانىمنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.

”ئاپامنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ: ’بوپتۇ بالام، سىزگە نەق پۇل سېلىپ بېرەلمىسەكمۇ مال سېلىپ بېرەيلى، تىجارەت قىلىڭ، سىزمۇ بالىلىرىڭىزنى باقىسىز‘ دېگەنلا يېرى بار.“

ئانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇنىڭ مېيىپ سىڭلىسى گۈلجەننەت كامىل ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىن مال سېلىپ بەرگەن، گۈزەلنۇر خانىم تاپقان پايدىدىن ئۇنىڭغا نىسبەت ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم قىلغان، ئەمما ساقچىلار مانا مۇشۇ ئالاقىنى باھانە قىلىپ، بۇ ئائىلىنى نىشانغا ئالغان.

ساقچىلارنىڭ تېرگاۋى 1-ئىيۇلدا باشلانغان بولۇپ، گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئانىسى باھارگۈل توختى، سىڭىللىرى گۈلجەننەت كامىل بىلەن گۈلزەپەر ھېكىم (بېقىۋالغان) قاتارلىق بۇ ئۈچەيلەن بىر نەچچە قېتىم سوراق قىلىنغان. سوراق جەريانىدا ساقچىلار گۈلجەننەت كامىلنىڭ تۈركىيەگە مال سالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ”تېرروچىلارنى قوللىغان“ دېگەن گۇمان بارلىقىنى تىلغا ئالغان ھەمدە ئانا بىلەن ئىككى قىزنى تۈركىيەگە قايسى دۇكانلاردىن مال ئېلىپ، قايسى كارگولاردىن مال سالغانلىقىنى نەق مەيدانغا باشلاپ بېرىپ، بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىشكە بۇيرىغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۈچەيلەن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ئۈچتاش تەۋەلىكىدىكى نەنجىياۋ ساقچىخانىسدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

”4-چىسلا ئاپامنى سائەت توققۇز بىلەن (ساقچىخانىغا) كېلىڭ دەپ شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىپ، سائەت توققۇز بىلەن ئاپامنى ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن، سىڭىللىرىمنىمۇ ئەكىلىۋاپتۇ؛ ئۇلاردىن قان ئاپتۇ، ئالدى-كەينى رەسىمگە تاتىپتۇ، يانچە تۇرغۇزۇپ، ئوڭغا، سولغا (قارىتىپ). شۇنىڭ بىلەن گەپ قىلمايلا ئېلىپ كېتىپتۇ.“

ئۇلار ئارىسىدىكى مېيىپ سىڭىل گۈلجەننەت كامىل 2017-يىلىدىن كېيىن، ئۈچ يىل لاگىردا يېتىپ چىققاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈش تۈپەيلىدىن قان تومۇر توسۇلۇش پەيدا بولۇپ، بىر قولى تۇتماس، بىر پۇتى دەسسىمەس بولۇپ قالغان ئىكەن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ساقچىلار ئۇنىمۇ ئېلىپ ماڭغان؛ ئەمما ساقچىلار بۇ ئۈچەيلەننىڭ نەگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى دېيىشنى رەت قىلغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغان سىڭلىسى گۈلمىرە كامىل 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ”خىتاي پۇقرالارغا يىڭنىسىمان نەرسە بىلەن ھۇجۇم قىلدى“ دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلغان ھەمدە يېپىق سوت ئارقىلىق 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ تۈرمىدىن چىقىشى 2017-يىلى باشلانغان زور تۇتقۇنغا توغرا كېلىپ، يىغىۋېلىش لاگىرىغا يەنە تۆت يىل قامالغان. لاگىردىن چىققاندىن كېيىن، گۈلمىرە كامىلنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، دائىملىق داۋالىنىش ھالىتىدە تۇرغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىر تۈركىيە پۇقراسى ئىكەن، ئىستانبۇلدا تۆت بالىسىنى بېقىپ، ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىكىنى قامداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەپتۇ، ھېچقانداق قانۇنسىز قىلىمىش بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن.

”ھەممە نەرسىلەرنىڭ تالونلىرى بار، نەگە سالغان، كىم ئالغان مالنى ھەتتا. شۇ نەرسىلەرنى بىز تەمىنلەپ بەردۇق. ساقچىلارغا ئاپاملار تەمىنلەپ بېرىپتۇ ھەممىنى. (ساقچىلار) يەنە: ’سىلەرنى سۈرۈشتە قىلىمىز، يەنە تېخى ئۇ يەردە (تۈركىيەدە) بىر ئىشلار بار‘ دەپتۇ. بۇ يەردە قانداق ئىشلار بار؟ بۇ يەردە ھېچقانداق ئىشىمىز يوق. بىز سىجىل كايىتلىرىمىز (جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى) دىن تارتىپ چىقىرىپ بېرەلەيمىز ھەتتا.“

ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى يولۇققان بۇ تۇتقۇندىن قاتتىق پاراكەندە بولغان گۈزەلنۇر خانىم مۇخبىرغا يىغلاپ تۇرۇپ ھازىر ئۆزىنىڭ زادى قانداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

”بىرى يېتىم قىز، بىرى ئاپام، بىرى مېيىپ سىڭلىم. ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟“

10-ئىيۇل، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، بۇ دېلونىڭ ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ 1-ئىيۇل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە بىلىنگەن تۇنجى دېلو ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.