ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ

بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئىككى ئۇيغۇرنى ئىشقا سالغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

يېقىندا خىتاينىڭ دوۋيىن (تىك-توك) سۇپىسىدا، ئۆزلىرىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ساياھەت يىتەكچىسى دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساپ خىتاي تىلىدىكى ”شىنجاڭلىقلارنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا يازغان بىر پارچە خېتى“ دېگەن ماۋزۇدىكى ھاياجانلىق بىر چاقىرىق ۋىدىيوسى كەڭ تارقالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ”ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش“ تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتدىكى بۇ بۇ ۋىدىيودا ”شىنجاڭلىقلار“نىڭ بەختلىك تۇرمۇشى، ئۇلارنىڭ تەيۋەننىڭ ”ۋەتەن قوينىغان قايتىپ كېلىشى“گە بولغان تەنتەنتەنىلىك ئارزسى ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ ”بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىنلىقى“ بايان قىلىنغان.

بۇ ئىككى ئۇيغۇر تەشۋىقاتچى تەڭرىتاغ بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنى سېلىشتۇرۇپ، «تەڭرىتاغ غەلبە تونېلى» ئارقىلىق تەڭرىتاغدىن ئۆتۈش ئۈچۈن پەقەت 20 مىنۇتلا كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن بوغۇزىغا كۆۋرۈك ياساپ، ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ شۇنداقلا، ”شىنجاڭ“ خەلقىنىڭ ھازىر ئىنتايىن تىنچ، خاتىرجەم ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان بۇ شان-شەرەپنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن؛ ئاندىن، بىر ئەجدات، بىر مىللەت ۋە قان-قېرىنداشلىقنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىق تارتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق «ئۆيىگە قايتىشىنى» تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئىككى ئۇيغۇرنى ئىشقا سالغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بەرگەن زىيارىتىدە، بۇ تەشۋىقات ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بازارغا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى يوشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىكى زۇلۇملارنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىلشات ئەپەندىم بۇنداق تەشۋىقاتنىڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ۋە ئۇچىغا چىققان رادىكال مىللەتچىلەرگە ياققان بىلەن، ئەقلى بار، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان، باراۋەرلىكنى سۆيىدىغان، دېموكراتىيەنى سۆيىدىغانلارغا ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.