ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر: خىتاي دۇنيا تەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا چاقىردى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 15-فېۋرال شەنبە كۈنى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نوپۇزلۇق رەھبەرلىرى قاتنىشىۋاتقان ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدىكى نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت نەچچە ئون يىلىدىن بېرى ھەممىمىزگە مەنپەئەت بېرىپ كەلگەن دۇنيا تەرتىپىنى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئالداشلىرى پەيدا قىلغان رىقابەتلەرگە قارشى ئۇيقۇسىنى ئېچىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىدە خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك رىقابەتچىسى، دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەمىزدە، نۆۋەتتىكى بۈيۈك قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش مۇسابىقىسىدىكى نېگىزلىك رىقابەتچى رۇسىيە ئەمەس، بەلكى خىتايدۇر. شۇڭا دىققەت مەركىزى تۆۋەن دەرىجىلىك توقۇنۇشلاردىن، شىددەتلىك جەڭلەر گە ھازىرلىق كۆرۈشكە بۇرۇلۇشى كېرەك، دېيىلگەن.»

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ‍ئۆز ئارمىيەسىنى 2035-يىلىغىچە زامانىۋىلاشتۇرۇپ بولۇپ، 2049-يىلىغىچە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي كۈچ سۈپىتىدە ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز دېگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قوشنا ئەللەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنى باستۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ نورمال دۆلەتكە ئوخشاش قىلىقلارنى قىلىشىنى خالايمىز. بۇنداق دېگەنلىك، خىتاي سىياسىتى ۋە قىلىقلىرىنى ‍ئۆزگەرتىشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر.»

شۇ كۈندىكى يىغىندا سۆزلىگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پوپېيومۇ خىتاينى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭ 5گ تېخنىكىسىنى «ترويا ئېتى» غا ئوخشاتقان ئىدى.

2020-يىللىق ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى 14-فېۋرالدىن 16-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدۇ.