قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىلىم-دانا تىلىم» ناملىق مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.03.05
qirghizistan-balilar-02 مۇسائېۋ خامزات ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇۋاتىدۇ. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
RFA/Feruze

2-مارت كۈنى بىشكەك شەھىرى، ئالامېدىن 1-مەھەللىسىنىڭ «مەدەنىيەت ئۆيى» دە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئانا تىلىم-دانا تىلىم» نامىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى.

بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇنتاي نازاروۋ باشچىلىقىدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مەھەللە يىگىتباشلىرى، ئاياللار كېڭەشلىرىنىڭ رەئىسلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دەرس بېرىۋاتقان مۇئەللىملەر، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشتى.

مەزكۇر مۇسابىقە پائالىيىتى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت قىرغىزىستاننىڭ مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان سۆيگۈلىرى ئىزھار قىلىنغان ۋە ئانا تىل كۈيلەنگەن شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان تەس مەھەللىسىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ھاجەربوۋى خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرگە ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ئەجرىنى سىڭدۈرۈۋاتقان مۇئەللىملەرگە ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئالامېدىن مەھەللىسى بىلەن كومسومول ۋە بېلوۋودسك يېزىلىرىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇش كۇرسلىرى ئېچىلغان ئىدى. بۇ كۇرسلار جەمئىي 8 نۆۋەت تەشكىللەنگەن بولۇپ، 200 دىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ ئاي جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار كىرىل ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەنگەن 2024-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.

بېلوۋودسك يېزىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىمى ئايگۈل خانىم بىلەن بىللە. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
بېلوۋودسك يېزىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىمى ئايگۈل خانىم بىلەن بىللە. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
RFA/Feruze

21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» يېتىپ كەلگەندە، بۇ كۇرسلارنىڭ مۇئەللىملىرى ھەر گۇرۇپپىدىن 5-6 نەپەردىن ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ، جەمئىي 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا شېئىر ئوقۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان. ئوقۇغۇچىلار جاراڭلىق ئاۋازدا ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئانا تىل ھەققىدە يالقۇنلۇق شېئىرلىرىنى شېئىرلىرىنى كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلغان.

مەزكۇر مۇسابىقىنى باھالاش ھەيئىتىگە ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئەكبەرجان بائۇدۇنوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. باھالاش ھەيىتىنىڭ ئەزالىرى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى زۇمرەت روزىيېۋا، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەزىز خۇدايبېردېنوۋ، يازغۇچى ئابدۇسالام غاپپارلاردىن تەشكىل تاپتى.

تېس مەھەللىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
تېس مەھەللىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
RFA/Feruze

بۇ قېتىمقى ئانا تىل پائالىيىتى ھەقىقىي مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئادىل ۋە بىتەرەپ شەكىلدە باھالىشى نەتىجىسىدە، ئىرادە خۇدايبېرگېنوۋا ۋە ئابدۇراخمان ناسىروۋلار ئۈچىنچى دەرىجىلىك، پاتىمە باقىيېۋا بىلەن مەنزۇرە ئايۇپوۋالار ئىككىنچى دەرىجىلىك، خامزات مۇسايېۋ ۋە ئايلۇنا قادىرالىيېۋالار بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەزكۇر مۇسابىقىگە بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كەلگەن بېلوۋودسك يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مۇئەللىمى ئايگۈل نىيازوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ دىپلوم ۋە مۇكاپاتلارنى ئالغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئانا تىلىم-دانا تىلىم» نامىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
قىرغىزىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئانا تىلىم-دانا تىلىم» نامىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 2-مارت، بىشكەك
RFA/Feruze

پائالىيەت ئاخىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇنتاي نازاروۋ سۆز قىلىپ، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىدا خالىس ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان مۇئەللىملەرگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەت، ئانا تىل مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى خامزات مۇسايېۋنىڭ شائىر نۇرتاي ئابدۇرەھىم يازغان «ئويغان ئۇيغۇر» ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق ئاۋازدا دېكلاماتسىيەسى قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.