ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى دەرسخانىدىن چىقىپ تور دۇنياسىدا تېخىمۇ رەڭدار داۋام ئەتمەكتە
2020.06.16
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلار بارلا جايلاردا ئاساسەن ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ئانا تىل دەرسلىكلىرى ۋە قوللىنىلىۋاتقان مېتودلىرى بارا-بارا بىرلىككە كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ئان تىلىدا تەربىيەلەيدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكۈچە بولغان مۇنتىزىم، مۇكەممەل ئۇيغۇر تىللىق ئوقۇتۇش شارائىتى بولسىمۇ ئەمما باشقا ئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغان ئانا تىل مەكتەپلىرى، شارائىتلار چەكلىمىسى بىلەن پەقەت ھەپتە ئاخىرلىرىدىكى بىر قانچە سائەتلىك كۇرس تىپىدىكى دەرسخانا ئوقۇتۇش ئارقىلىق داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىلى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، گەرچە يېقىنقى ئايلاردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىمۇ، خىتايدىن تارالغان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋەبلىك تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، مۇئەللىملەر نۆۋەتتە تور ۋە تېلېۋىزىيە دەرسخانىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆتىلىۋاتقان ئانا تىل دەرسلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتىكەن. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈرەيە خانىم يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئانا تىل ساۋاتى ۋە سەۋىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىلارغا يازلىق تەتىللىك تور دەرسخانىسى تەسىس قىلغانلىقىنى تونۇشتۇردى:
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ تەربىيەچىسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتۇش مېتودلىرى ۋە ھازىرقى دەرسخانىنى تورغا كۆچۈرۈش پروگراممىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا-تىل دەرسلىكنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىنتېرنېت دۇنياسىغا كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق نۆۋەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا تىل» نامىدا نۇرغۇن مۇلاھىزە تورلىرى، مەخسۇس ئىجتىمائىي ئالاقە توپلۇقلىرى ۋە ھەتتا ئانا تىل تور ۋە تېلېۋىزىيەسىمۇ بار بولۇپ، بۇلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە كەڭ دائىرىدە تەربىيەلىنىش مۇھىتى ھازىرلانغان.
ئانا تىل تېلېۋىزىيەسىنى ئىلگىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدە بالىلار پروگراممىسىغا ئۇزۇن يىل رېژىسسور بولغان ھازىر كانادا ياشاۋاتقان رىدا ئابلىمىت ئەپەندى، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىش يولىدا تەشەببۇسكار زىيالىيلاردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئەركىن سىدىق ۋە بىر قىسىم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2018-يىلى قۇرۇلغانىدى. رىدا ئەپەندى بالىلار ئۆزلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە قاتنىشىشى بىلەن پروگراممىلىرى بارغانچە رەڭدار تەرەققىي قىلىپ، ئانا تىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياقتۇرىدىغان پروگراممىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇچراشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانا تىل مەكتەپلىرى توردا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك تور دەرسخانا پائالىيەتلىرى، كىتاب ئوقۇش ۋە دوستلۇق پائالىيەتلىرىدىن باشقا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلارمۇ مەخسۇس بالىلارنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھازىرنىڭ ئۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە بۇ يىل ئاپرېلدا باشلىغان «ئۈمىد چولپىنى» ناملىق مۇسابىقىسى داۋام قىلماقتا. ھازىرغىچە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن ۋىدىيولىرىنى ئەۋەتكەن. رىسالەت خانىم پات يېقىندا بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن تەڭ مەزكۇر مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر تىلى مائارىپى تەجرىبىسىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا سەھنە يارىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ۋىرجىنىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈرەيە خانىم ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىگە ئايلانغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئانا تىل مەكتەپلىرىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرەيە خانىمنىڭ قارىشىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي سىياسىتى تۈپەيلى تىل ۋە مەدەنىيەت ھەر جەھەتتىن ئۇچراۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپ فوندى قۇرۇپ چىقىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.