ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.09.03
Mukapat-alghan-oqughuchi-we-muellimliri.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈپ مۇكاپات ئالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

Medal-alghan-balilar-1.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈپ مېدال ئالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

istiqlal-Marshi-Oqumaqta-2.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئىستىقلال مارشى. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

Doktor-Erkin-Ekrem-3.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ana-til-oqutquchisi-Buayshe-4.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بۇئايشە خانىم سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە.v RFA/Erkin Tarim

Doxtur-Arzu-Yilmaz-5.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا دوكتور ئارزۇ يىلماز خانىم سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ana-til-oqutquchisi--6.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېكلاماتسىيە قىلماقتا. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ana-til-oqutquchisi-7.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېكلاماتسىيە قىلماقتا. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ana-til-oqutquchisi-8.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېكلاماتسىيە قىلماقتا. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ana-til-oqutquchisi-9.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېكلاماتسىيە قىلماقتا. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

Rumeysa-Qeshqiri-10.jpg

ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېكلاماتسىيە قىلماقتا. 2019-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

31-ئاۋغۇست كۈنى ئەنقەرەدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ 1-يىلىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. «تۈركىيە دېموكراتىيەدە بىرلىك» ۋەقپىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ رەھبەرلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 7-ئايدا ئانا تىلى كۇرسى ئاچقان بولۇپ، 35 ئەتراپىدا 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلار ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بۇ كۇرستا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

بۈگۈنكى ئانا تىل كۇرسىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان «ئىستىقلال مارشى» نى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى.

ئاندىن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا ئەنقەرەگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا ئەنقەرەدە 4-5 ئائىلە ئۇيغۇر بارلىقىنى، ھازىر ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ بىر زالغا پاتمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئانا تىل كۇرسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر بالىلار «ئانا تىلىم» ناملىق ناخشىنى ئومۇمىيخور شەكلىدە ئورۇنلىدى.

ئارقىدىن 8 ياشلىق ساتۇق بۇغرا قاراخان «ئانا تىلىم» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكا-يۇ ئافرىقادا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا بارغۇم كېلۇر.

ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

مۇراسىمنىڭ قالغان قىسمىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى بىلەن داۋاملاشتى. ئوقۇغۇچىلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ساما سېلىش، ئىتوت-تىياتىر ئويناش، «قۇتادقۇ بىلىگ» نىڭ ئاپتورى يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇرلىرىدا ئانا تىل سۆيگۈسى، ۋەتەنگە بولغان ساداقەت، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى قەتئىي روھ، ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى نامايان بولدى. پائالىيەت مەيدانى باشتىن-ئاخىر جانلىق كەيپىياتقا تولدى.

مۇراسىمغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان بالىلار دوختۇرى ئارزۇ يىلماز خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىدىغان، ئىنژېنېر بولىدىغان ۋە مۇئەللىم بولىدىغان بالىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن بۇ يەردە پەرزەنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىلەر مۇشۇنداق ئانا تىلىڭلارغا، ئۆرپ-ئادەتلىرىڭلارغا ۋە مىللىي مىراسلىرىڭلارغا ئىگە چىقساڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر.»

مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئەكرەم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇبارەكلەپ، ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات تارقاتتى.

ئۇيغۇر بالىلارغا بىر يىلدىن بۇيان دەرس بەرگەن بۇئايشە خانىم بىلەن مەھبۇبە خانىمغىمۇ مۇكاپات بېرىلدى.

مۇكاپاتنى ئالغان بۇئايشە خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بىر يىل بۇرۇن بىر قانچە ئوقۇغۇچى بىلەن باشلانغان بۇ ئانا تىل كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ھازىر 35 كە يەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئانا تىل كۇرسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئاتا-ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئانا تىل كۇرسىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىزچىل ھالدا ياردەم قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

31-ئاۋغۇست ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق ئانا تىل كۇرسى مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇر زىيالىيسى رەنا قاراخان خانىمغا ئۇزاتتۇق. ئۇ ئۇيغۇر ئانا تىلى زور خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ پائالىيەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 4-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 2 قېتىم «ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت» كۇرسى، بىر قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى، بىر قېتىم خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.