ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئاۋانگارت قىز-ئاياللار
2024.02.07
31-يانۋار كۈنى ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» جەمئىيىتى 2023-يىللىق مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى «ئەركىنلىك تەسىرى مۇكاپاتى» غا؛ ئامېرىكادىكى «ئەمگەك ھوقۇقى بىرلەشمىسى» مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى خادىمى جەۋھەر ئىلھام «ئەركىنلىك تەشۋىقاتچىسى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
«ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۇكاپات ھەققىدىكى تەبرىك باياناتىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتا كۆرسەتكەن مۇھىم تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىز ئالدىنقى قېتىملىق پىروگراممىمىزدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ رۇزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ زۇمرەتئاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىزچىل كۈرەشلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرگەنلىكىنى ئاڭلاتقانىدۇق.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئالدىنقى سەپتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قىز-ئاياللار ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇلاردىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جىلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلارنى؛ سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر، ئىلھام توختىنىڭ قىزى، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان جەۋھەر ئىلھام، ئەنگىلىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ئامېرىكادىكى ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت، تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلارنى؛ مۇستەقىل تەتقىقاتچىلاردىن نورۋېگىيەدىن مۇئەتتەر ئىلىقۇت، شىۋېتسىيەدىن نىرولا ئەلىما قاتارلىقلارنى؛ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئاچقان، ئانا تىل دەرسى بېرىۋاتقان، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا چىقماستىن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن خانىم-قىزلارنى ھەمدە ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن.
بىز بۈگۈن شۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇيغۇر داۋاسىدا ھارماي-تالماي قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن ئاياللاردىن جەۋھەر ئىلھام، روشەن ئابباس خانىملارنى، ئۇزۇن يىللىق پائالىيەتچى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم قاتارلىقلارنى سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختىكى ئۆچمەس ئىزنالىرى ۋە بۈگۈنكى جاسارىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنىڭ ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.