ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-04-09
Share
ئادىلايدتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يېڭى ئېچىلغان كونسولخانىسىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئادىلايد شەھرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان خىتاي كونسۇلخانسىغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشتىن كورۇنۇش. 2021-يىلى 31-مارت.
RFA/Arslan

8-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە جايلاشقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ يۈزلەرچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا كونسۇلخانا ئالدىغا جەم بولدى ۋە «خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق»، دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاش ھاجى يارى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئىكەن.

تاش ھاجى يارى ئەپەندى بۇ نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ھەر جۈمە كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ شۇ نامايىش پىلانىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى، بۇ نامايىش مۇشۇ شەكىلدە ئالتە ئاي داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش جەريانىدا جەمئىيەت رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى قاتارلىق بىر قانچە كىشى سۆز قىلغان.

بىز شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ۋە نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئايال ھۆرىگۈل يۈسۈپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى بۇ نامايىشتا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملىرى توغرىسىدا توختالغان ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى بۇ مەسىلىسىگە دىققەت بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

ھۆرىگۈل خانىم ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەب توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقە قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ بۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت