بەختىيار بۆرە: «مەن ئۇيغۇر، مەن تېررورچى ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.06.24
بەختىيار بۆرە: «مەن ئۇيغۇر، مەن تېررورچى ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىياۋ چىيەننىڭ ئۇيغۇرلار «تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى» دېگەن سۆزىگە قارشى بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: «مەن ئۇيغۇر، مەن تېررورچى ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەنلىكى ئۈچۈن يىغىن زالىدىن چىقىرىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-ئىيۇن.
ABC

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەن 24-ئىيۇن كۈنى ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان.

مەزكۇر سۆھبەت ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر سۆھبەتكە قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدا ئاۋسترالىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياش سىياسىي پائالىيەتچى دىرىۋ پاۋلوۋمۇ بار بولۇپ، ئۇ يىغىن مەيدانىدا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكۇڭلۇقلارغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

نامايىشچىلار «شەرقى تۈركىستانغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغائەركىنلىك» دېگەندەك شۇئارلارنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى، تىبەت، خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن. دىرىۋ پاۋلوۋ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە نامايىش قىلغان دوستلىرى مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ يىغىن مەيدانىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. دىرىۋ پاۋلوۋنىڭ قولىدىكى «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكۇڭلۇقلارغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنىمۇ يىغىن مەيدانىدىكى بىر خىتاي تارتىپ يىرتىۋەتكەن.

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىياۋ چىيەننىڭ سۆزىگە قارشى چىققان درۇ پاۋلوۇ(Drew Pavlou) ئەپەندى يىغىن زالىدىن چىقىرىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-ئىيۇن.
خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىياۋ چىيەننىڭ سۆزىگە قارشى چىققان درۇ پاۋلوۇ(Drew Pavlou) ئەپەندى يىغىن زالىدىن چىقىرىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-ئىيۇن.
AP

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان سوئالغا شياۋ چيەن: ئۇيغۇرلار «تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى»، «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن. تاماشىبىنلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان بەختىيار بۆرە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇيغۇر، مەن تېررورچى ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات».

بەختىيار ئەپەندى سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى يالاپ سىرتقا چىقىرىۋەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار مۇدىرى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات ھەرىكىتى» نىڭ ئاۋىستىرالىيە مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ نەق مەيداندا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى خىتاينىڭ باش ئەلچىسىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سوراش ئۈچۈن سەۋر قىلىپ ئاخىرىغىچە ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ باش ئەلچى شياۋ چيەننىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى» دېيىشىگە چىداپ تۇرالماي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ شياۋ چيەنگە قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا: «ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ۋارقىرىغان. ئارقىدىن مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى ئۇنى يالاپ سىرتقا چىقىرىۋەتكەن.

ئارقا-ئارقىدىن نامايىشچىلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان باش ئەلچى شياۋ چيەن ئاخىرىدا سۆز قىلىپ نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى: «بۇ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.