پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن دولقۇن ئەيسانى سورىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-06-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە.
تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى 2-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال خېتى سۇنۇپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇ، سوئال خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

11-مارت كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى كورونا ۋىرۇسى كۆرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەتىل بولغانىدى. پارلامېنتنىڭ ئۇزۇن تەتىلدىن كېيىنكى تۇنجى كۈنى، يەنى 2-ئىيۇل كۈنى ئايخان ئەرەل ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ سوئال خېتى تاپشۇرغان. مەزكۇر خەتتە «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قويۇلغان چەكلىمىنى قاچان ئەمەلدىن قالدۇرىسىلەر؟ ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورالغان.

بىز مەزكۇر سوئال خېتىنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ: «خىتاي بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئەخلاقسىز ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. بىز تۈرك مىللەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرالمايمىز. بىز نۇرغۇن قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولساقمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرماقتا» دېدى.

ئايخان ئەرەل ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەسيانىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى داۋاملىق چەكلەۋاتقانلىقى، ئەنە شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى مەسىلىسىدە سوئال سورىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم تارتىۋاتقان خەلقنىڭ ب د ت دىكى ئاۋازى بولغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسانىڭ قېرىنداش، دىنداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە كېلەلمەسلىكى بىزنى ئازابلىماقتا. بۇ سەۋەبلەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟ دەپ سورىدىم».

قىممەتلىك راديو ئاڭلىغۇچىلار د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە تۈركىيە ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلىقىنى، بۇ جەرياندا بىر گۇرۇھ ئۇيغۇر ياش بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، كۆپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى، 1996-يىلى گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2008-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تۈركىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ھەتتا ئانتاليا ئايرودرومىدىن گېرمانىيەگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2008-يىلىدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيەنىڭ بۇ چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى، مىنىستىرلىرى ۋە گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، لېكىن ھازىرغىچە تۈركىيەگە كىرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2018-يىلى ئىنتېرپول، يەنى «خەلقئارا ساقچى ئورگىنى» نىڭ ئۆزىنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى تېخىچىلا تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىنى ئاسراش ۋە يېقىندىن بۇيان خىتايدىن ئالغان 5 مىليارد دوللارلىق قەرز پۇلنى دەپ مۇشۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەنچە ھەممە نەرسە ئىقتىساد ۋە پۇلدىن ئىبارەت بولماسلىقى كېرەك.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن دەۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي نازۇك مەسىلە دەپ قاراۋاتقان ئىشلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاچقا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى توسقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھازىرقى پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2009-يىلى 7-ئايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خالىغان ۋاقتىدا تۈركىيەگە كەلسە بولىدۇ، دېگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت بەرمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت