قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى «بارىن ئىنقىلابى» ۋە «مىللىي ئارمىيە كۈنى» نى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.04.08
qazaqistan-barin-weqesi-xatirilesh.jpg

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «بارىن ئىنقىلابى» ۋە «مىللىي ئارمىيە كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 8-ئاپرېل، ئالمۇتا.

qazaqistan-barin-weqesi-xatirilesh-0.jpg

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «بارىن ئىنقىلابى» ۋە «مىللىي ئارمىيە كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 8-ئاپرېل، ئالمۇتا.

qazaqistan-barin-weqesi-xatirilesh-1.jpg

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن «بارىن ئىنقىلابى» ۋە «مىللىي ئارمىيە كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 8-ئاپرېل، ئالمۇتا.

qazaqistan-barin-weqesi-xatirilesh-2.jpg

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق ۋەكىللىرى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى زىياۋۇدۇن ھاجىم (سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندىدىن ھال سورىدى. 2021-يىلى 8-ئاپرېل، ئالمۇتا.

qazaqistan-barin-weqesi-xatirilesh-3.jpg

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق ۋەكىللىرى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف(ئوتتۇرىدا) ئەپەندىدىن ھال سورىدى. 2021-يىلى 8-ئاپرېل، ئالمۇتا.

بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ 1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31-يىللىقىنى ۋە 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان قاتتىق چارىلەر سەۋەبىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تار دائىرىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتلەردە بارىن ئىنقىلابىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ھەمدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى نايىلەم ھەمرايېۋا خانىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق تارىخىي ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغان پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاخىرقى ئىككى يىل داۋامىدا كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈلۈۋاتقان بىخەتەرلىك چارىلىرى سەۋەبىدىن مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كەسكىن قىسقىرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىمىز تارىخىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلانغان بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ياشلىرىمىز خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى قوراللىق كۈرەشكە ئاتلانغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ زامانىۋى قوراللانغان مۇنتىزىم ئارمىيەسى ۋە ساقچى قىسمىلىرىغا تەڭ كېلەلمىگەن قوزغىلاڭچىلار ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. لېكىن بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىگە چوڭ ئۇچقۇن بولدى. كېيىنكى يىللاردا يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە خەلقىمىزنىڭ باشقىمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدا ئەنە شۇ بارىن ئىنقىلابى مۇھىم رول ئوينىدى. بارىن ئىنقىلابى بولۇپمۇ ياشلىرىمىزدا ۋەتەنگە، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىغا، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئويغاتتى. بارىن ئىنقىلابىنىڭ تېخى ئېچىلمىغان سىرلىرى يەنە كۆپ. ئەنە شۇ سىرلارنى ئېچىپ، بۇ قوزغىلاڭنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى دۇنىياغا تونۇتىدىغان ۋاقىتلارمۇ كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. بۈگۈن 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قانلىرىنى جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولدى. بىز بۈگۈن ئۇلارنىمۇ ئەسلىدۇق. ھازىر ئۇنىڭ سابىق جەڭچىلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئاخىرىقى بىر قىسىم شاھىتلىرى ئارىمىزدا تېخى ھايات. مانا شۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مەخسۇس تەبرىكلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھۈسەنجان، جامالىدىن، پولات قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىز يولغا ئاتلاندى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جامالىدىن ناسىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن چوڭ ئەسلەش كۈنى. نەچچە كۈن بارىن ئىنقىلابى توغرىلىق ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈن مىللىي ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى نىشانلىدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ تارىخ. مىللىي ئارمىيە سېپىدا مىڭلىغان خەلقىمىز دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلغان. شۇ ئۇرۇشلاردا قان كېچىپ، ساناقلىقلا قالغان قەدىرلىك ئاتىلىرىمىزنى بۈگۈن ئىزدەپ، يوقلاپ، كۆڭلىنى ئېلىپ قايتتۇق. ئالمۇتادىن 63 كىلومېتىر يىراقتىكى نۇرمۇھەممەت ئاكىمىزنى ئىزدەپ بارساق، ھايات ئىكەن. 93 ياشتا ئىكەن. بىزگە ئۇرۇشتا بولغان جەڭلەر توغرىلىق سۆزلەپ بەردى. ئۇ بىزنىمۇ ئەسلەپ كېلىدىغان بالىلىرىمىز بار ئىكەنغۇ، دەپ خۇشال بولۇپ كەتتى.»

جامالىدىن ناسىروف يەنە ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرىدىغان 96 ياشلىق زىياۋۇدۇن ھاجىم دېگەن كىشىنى يوقلاپ، مىللىي ئارمىيە كۈنى بىلەن تەبرىكلەپ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپلىگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاپ قايتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ھايات ئەنە شۇنداق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى يەنە ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىمۇ يوقلاش ئويىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئاكىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئىگىلىدۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەينى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتىدە ۋە مىللىي ئارمىيە سېپىدا خىزمەت قىلغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، قازاقلار، تاتارلار قازاقىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زۇنۇن تېيىپوف، زىيا سەمەدى، مەرغۇپ ئىسقاقوف قاتارلىق شەخسلەر بولغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.