ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ بىلەن تۈركىيەنىڭ كونيا شەھەرلىرىدە 5-ئاپرېل بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

5-ئاپرېل كۈنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسى، ئەزەربەيجان ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ياسەمىن مۇھاممەت خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈل قويغان. ياسەمىن خانىم قارا گۈلنىڭ شېھىتلەرنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 6-ئاپرېل كۈنى بولسا تۈركىيەنىڭ تارىخىي شەھىرى بولغان كونيا شەھىرىدە سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. ئابدۇلەخەت ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر كۆرگەزمىگە تۈرك خەلقىنىڭ قىزىقىشى يۇقىرى بولغان.

ياسەمىن مۇھاممەت خانىم خىتاينىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەزاسى ۋە ئەزەربەيجان ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر گۇرۇپپا دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدۇق. مەقسىتىمىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئەزەربەيجان ئاخباراتىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىشتىن، شۇ ئارقىلىق جامائەت پىكىرى توپلاش ئىدى. بۇ پائالىيىتىمىزگە ئەزەربەيجان ئاخباراتلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلدى».

ئۇ، ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

6-ئاپرېل كۈنى بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش خىتاينىڭ ھازىرقى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىدە سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

Barin-Inqilabi-Konya-Namayish-20210406-01.jpeg
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ تارىخىي شەھىرى بولغان كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش . 2021-يىلى 6-ئاپرېل.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ كونيا شۆبىسى مەسئۇلى ئابدۇلەخەت ئۇدۇن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىنى كونيادىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

Barin-Inqilabi-Konya-Namayish-20210406-02.jpeg
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 31 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ تارىخىي شەھىرى بولغان كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش . 2021-يىلى 6-ئاپرېل.

ئابدۇلەخەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى «بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم» تېمىسىدا ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلەخەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە 3 خىل تېمىدا سۈرەت قويغانلىقىنى تۈرك خەلقىنىڭ قىزىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كونيا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ شەھىرىگە 2015-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلانغان. ھازىر كونيادا 100 ئائىلە ئۇيغۇر ۋە 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.

5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى شېھىتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى بەيازىت مەيدانى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، شۇنداقلا كاستومۇنۇ ۋە قاھرامانماراش قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر گۇرۇپپا ئەزەربەيجان زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىشى ئۆتكۈزىشى تۇنجى قېتىم ھېسابلىنىدىكەن.