باۋارىيەدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلىرىغا «شەرقىي تۈركىستان ۋە جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا لېكسىيە بەرمەكتە. 2019-يىلى 19-ماي.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلىرىغا «شەرقىي تۈركىستان ۋە جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا لېكسىيە بەرمەكتە. 2019-يىلى 19-ماي.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەئىسى گېرمانىيەدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلىرىغا «شەرقىي تۈركىستان ۋە جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.

گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان SPD، يەنى «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى» باۋارىيە تارمىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن 19-ماي كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن پىراكتىكانت نامزاتلىرىغا «شەرقىي تۈركىستان ۋە جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا 2 سائەت لېكسىيە بەردى.

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان 4 چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى شۇنداقلا 5-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىنى تەشكىللەشكە ئاۋاز قوشقان ھەمدە قوللىغان پارتىيەلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ باۋارىيەدىكى تارمىقى گېرمانىيەدە كۈنسېرى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات ئىستەۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن پىراكتىكا ئۈستىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ لېكسىيەسىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى، نوپۇسى، مىللەت تەركىبى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى» دىن سۆز باشلاپ، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ دىيارغا بېسىپ كىرگەندىن تارتىپ تاكى بۈگۈڭە قەدەر بولغان ئومۇمىي ۋەزىيەت، بۇ رايوندا ئىلگىرى يۈزبەرگەن تۈرلۈك ۋەقە-ھادىسىلەرنى، خىتاينىڭ تارىختىكى مىللىي سىياسىتىنى سۆز بېشى قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ۋە جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خىتاي ھاكىمىيىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى ۋە بۇ لاگېرلارغا قامالغان 3 مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى چۈشەندۈرۈشكە مەركەزلەشتى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ب د ت دا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تاكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بۇنى ئېتىراپ قىلغان ھەم رەسمىي سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغانغا قەدەر دۇنيانىڭ تۈزۈك دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىنى، ھازىر بولسا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى مەسىلە ھالىغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

لېكسىيەدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن ھەيران بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاخىرىدا «نېمە ئۈچۈن دۇنيا بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن غەرب دېموكراتىك ئەللىرى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تۈرك، ئىسلام دۇنياسى سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ قانائەتلىنەرلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىشكە تىرىشتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جاۋابەن، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈلۈشىگە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق بەزى ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر نومۇسلۇق ھادىسە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا باشلىق بىرقىسىم غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ بۇ پاجىئەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ لېكسىيەگە داخىل بولغان بىر ياش «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۇ لېكسىيەنى ئاڭلاپ قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەنگەن بولساممۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر يامان كۈنگە قالغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن. بۇ لېكسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى پاجىئەلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردى. كاللامدا‹بۇ بەختسىز خەلق ئۈچۈن مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟ قولۇمدىن نېمە كېلىدۇ؟› دېگەن سوئال شەكىللەندى. مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا تىرىشىمەن».

يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بۇ زورلۇق، زوراۋانلىقلار 21-ئەسىرنىڭ ئىنسانلىرى ئۈچۈن زور ھاقارەت، دەپ ئويلايمەن. بۇ لېكسىيەنى ئاڭلاپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدىكى چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى. دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىش غەرب قىممەت قارىشىغا يات ھادىسە. پارتىيەمىز، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بۇ زۇلۇمغا قارشى ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرگە بۇ پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىپ، بۇ ئاۋازغا جور بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىر ۋەزىپەم دەپ تونۇيمەن».

بۇ قېتىمقى لېكسىيە ئېكران كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتۈلدى. ئېكراندا گېرمانىيە زېمىنىدىن 5 ھەسسە چوڭ بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەك ئەنئەنىسى، جازا لاگېرلىرى، ئۇنىڭدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر زاتلىرى، لاگېرلاردا قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت سىستېمىلىرى، خىتاينىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر مەزمۇنغا بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىتىلدى. 2 سائەت داۋاملاشقان بۇ لېكسىيەدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار د ئۇ ق رەئىسى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋېلىشنى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق لېكسىيە ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلىشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت