ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ 2023-يىللىق رامازانلىق تەبرىكىدە ئۇيغۇرلار

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.23
Joe-Bayden-Ramazan-Uyghurlar.jpg پرېزىدېنت جوۋ بايدىن ئاقسارايدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە، 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
AP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئايىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ باياناتىدا، مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان، خەير-ساخاۋەت قىلىدىغان، ئۆزىنى يېڭىلايدىغان بۇ مۇبارەك ئاينى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە،  سۈرىيەدە، پاكىستاندا يەر تەۋرەش ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىگە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن: «پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ» دېدى.

پرېزىدېنت جوۋ بايدىن بۇ باياناتىدا يەنە خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارغا— خىتايدىكى  ئۇيغۇرلارغا، بېرمادىكى روھىنگالىقلارغا ۋە باشقا جايدىكى مۇسۇلمان جامائەتلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېدى.

«ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى روبېرت مەككاۋ (Robert McCaw)  جوۋ بايدىننىڭ بۇ رامازانلىق باياناتىنىڭ دىنىي زۇلۇم ئەڭ ئېغىر بولغان خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت بايدىننىڭ بۇ قېتىملىق رامازانلىق تەبرىكىدە <خىتايدا زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ> دېگەنلىكىنى ئالقىشلايمىز. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بىر دۆلەت. بۇ باياناتتا ئەنە شۇ مەيدان ئەكس ئەتكەن».

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ھازىر خىتاينىڭ دەل ئامېرىكانىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ، قەبىھ زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ،  ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى ۋە باشقا دىنلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.    

جوۋ بايدېن بۇ باياناتىدا يەنە ئامېرىكا دۆلىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى،  ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تەرەققىي قىلىپ، ئامېرىكانىڭ پەن-تېخنىكا، سانائەت، قانۇن، تىبابەت،  سودا-تىجارەت ۋە ھۆكۈمەت ساھەلىرىگە، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، «شۇڭا بىز بۈگۈن دىن ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان سەۋىيەدە ئىتتىپاقلىشىپ، ئامېرىكانى تېخىمۇ ئادىل، باراۋەر، كەڭچىل ۋە قەلبلەر تۇتاش بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشايلى» دېدى.

پرېزىدېنت جوۋ بايدىن 20-كۈنى ئاقسارايدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ دۇنيادا دىن ۋە مىللەت ئايرىمىسى يوق دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان بارلىق مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى ئۈمىد بىلەن ياشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنىدى.  

 روبېرت مەككاۋ «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى»نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئەركىنلىك بېرىش توغرۇلۇق خىتايغا داۋاملىق چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يىللاردىن بۇيان بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا، قۇرئان ئوقۇشىغا، جامائەت نامىزىغا قېتىلىشىغا ۋە ئۆيلىرىدە دىنىي مەسىلىلەر توغرۇلۇق پاراڭلىشىشىغا يول قويۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما خىتاي شۇنچىلىك نورمال دىنىي ئەركىنلىككىمۇ يول قويمىدى. شۇڭا ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلامىي ئورگانلار خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلماسلىققا چاقىرىشى كېرەك. بىز ئىلگىرى شۇنداق باياناتنامە ئېلان قىلغانىدۇق. پرېزىدېنتنىڭ بۇ باياناتى تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇ يولدا داۋاملىق مېڭىشى ئۈچۈن بىر  چاقىرىق بولدى».   

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.