بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئوبوكاتا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر مۇھىم دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى خۇلاسىلەپ چىقىلدى.
16- ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلاتتا تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان:
« ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ... ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىنىڭ قارىشىچە، تەرەپلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمگىكىنىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك كۆرسەتكۈچلىرى نۇرغۇن ئەھۋاللاردا مەۋجۇت .... بەزى ئەھۋاللار ھەتتا ئۇلارنى قۇل قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن ...».
مەزكۇر پارتلاتقۇچ دوكلات ئەسلىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ (Human Rights Council Fifty-first session) بۇ يىل سېنتەبىردە ئېچىلىدىغان 51- نۆۋەتلىك يىغىنى ئۈچۈن تەييارلانغان دوكلات بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بۇ كەسكىن ئىبارىلەر كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە موزىيى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تونۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ دوكلاتنى بۆسۈش خاراكتېرلىك، دەپ باھالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ دوكلاتتا ئىنتايىن كەسكىن ئىبارىلەر قوللىنىلغان. ئۇنىڭدا بەزى ئەھۋاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدىغان قۇل ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ ئىنتايىن كەسكىن ئىپادە. ئۇ شۇنداقلا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كومىسسىيەسىگە ئوخشاش يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ رەسمىي يەكۈنى. بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە رەسمىي يەكۈن چىقارغان ئەڭ ئالىي ئورگان بولۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.»
ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،بۇ دوكلاتنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا، ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بويىچە دوكلات تەييارلايدىغان ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرى پەۋقۇلئاددە ھوقۇق بېرىلگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىغا ھېچكىم توسالغۇلۇق قىلالمايدىكەن.
ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: « بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلەر پەۋقۇلئاددە ھوقۇق بېرىلگەن كىشىلەردۇر. بۇنداق دوكلاتلار ئادەتتە ناھايىتى جىمجىت تەييارلىنىدۇ، ئۇ مىشەل باچېلېت ئىشخانىسى تەييارلايدىغان دوكلاتقىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىدىن (Office of the United Nations High Commissioner for Human Rights) مۇستەقىل. شۇڭا بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مۇستەقىل ھالدا دەلىللىنىشى، يەنە كېلىپ مەخسۇس مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى تەرىپىدىن دەلىللىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ مانا مۇشۇ دائىرىدە تەتقىق قىلىنغانىكەن. ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىنىڭ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەتقىق قىلىپ يازغان 2 پارچە دوكلاتى ۋە تىبەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى 1 پارچە دوكلاتى بولۇپ، جەمئىي 3 پارچە تەتقىقات دوكلاتى قوبۇل قىلىنغان. ئادرىيان زېنز بۇنىڭدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ مېۋىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى، دەپ باھالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« بۇ نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن قىلغان ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتلىرىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەخس تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكىنى كۆرۈش بىزنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى. ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ بىر قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دەلىللەشكە ئېرىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقىي غەلىبىدۇر!»
دەرۋەقە مەزكۇر دوكلات - ئۇيغۇرلار نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېت ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان دوكلاتنى كۈتۈۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن بارلىق ئامال – چارە ۋە تەشۋىقاتلارنى ئىشقا سېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. تېخى يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو مىشەل باچېلىتنى بۇ دوكلاتنى ئەمدى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى خۇلاسىسىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ يەكۈننىڭ ئىنتايىن مۇھىم پەيتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مىشەل باچېلېت ئۈستىدىكى بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتىپ دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىققەت قوزغايدىغىنى، ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغان قۇللۇققا سېلىۋاتقانلىقى يەكۈنلەنگەن بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن تېخى 4 كۈن بۇرۇن يەنى 12- ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي خىتابنامىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ماددىسىغا قول قويۇپ ماقۇللىغانىكەن. خىتاي تەستىقلاپ قول قويغان ماددىنىڭ بىرى بولغان 105- ماددا دەل دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ب د ت نىڭ بۇ ئالاھىدە دوكلاتىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.