ب د ت نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىشانىغا مۇخالىپ قىلمىشلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.23
ب د ت نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىشانىغا مۇخالىپ قىلمىشلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى BBC ئاگېنتلىقى تارقاتقان «پاش قىلغۇچىلار: ب د ت نىڭ ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2022-يىلى ئىيۇن.
BBC

21-ئىيۇن كۈنى BBC ئاگېنتلىقى رەسمىي ھالدا تارقاتقان «پاش قىلغۇچىلار: ب د ت نىڭ ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى. بولۇپمۇ 1945-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش، ھەرقايسى جايلاردىكى ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىك قىلمىشلىرىنى چەكلەش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش بىلەن تونۇلغان ب د ت غا ئوخشاش بىر دۇنياۋى تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چىرىكلىك، سىياسىي جەھەتتىكى مەۋقەسىزلىك ۋە قانۇن جەھەتتىكى مۇخالىپلىق قىلمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ب د ت دا ئىشلەۋاتقان 37 مىڭ خىزمەتچىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك پەرىشتە سۈپەت ئىنسانلار ئەمەسلىكى، ب د ت نىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭمۇ بۇ خىل چىرىكلىككە قارشى بىرەر ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكى، ب د ت نىڭ ئۆزىمۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئومۇمىي نىشانىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھازىرمۇ ھايات ياشاۋاتقان تىرىك شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىمدا سابىق ب د ت خادىملىرىنىڭ بەزىلىرى ب د ت سىستېمىسىدىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىشىشنى پاش قىلسا نەچچە ئون يىل ب د ت دا خىزمەت قىلغان تىرىك شاھىتلار «ب د ت نىڭ باش كاتىپلىرى ھېچقاچان كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشنى ئ‍ۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى، دەپ قاراپ باقمىغان» دەيدۇ.

ببچ ئاگېنتلىقى تارقاتقان «پاش قىلغۇچىلار: ب د ت نىڭ ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بېشىدا ئېمما رېللىي (Emma Reilly) خانىم ب د ت نىڭ خىتاي بىلەن قىلغان نورمالسىز مۇناسىۋىتىنى پاش قىلغان. 2022-يىلى ئىيۇن.
ببچ ئاگېنتلىقى تارقاتقان «پاش قىلغۇچىلار: ب د ت نىڭ ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بېشىدا ئېمما رېللىي (Emma Reilly) خانىم ب د ت نىڭ خىتاي بىلەن قىلغان نورمالسىز مۇناسىۋىتىنى پاش قىلغان. 2022-يىلى ئىيۇن.
BBC

فىلىمنىڭ بېشىدا ئالاھىدە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان ئېمما رېللىي (Emma Reilly) خانىم قانۇن پەنلىرىدىن ئۇنۋان ئالغان بولۇپ، ب د ت دىكى مىڭلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان بۆلۈم باشلىقى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكىنى خىتاي ۋەكىللىرىگە كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغان. ئېمما ئېنىق قىلىپ بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى ئاشۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغاندا ئۇنىڭ باشلىقى ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ خىتاي تەرەپنى بۇ ئىسىملىك بىلەن تەمىن ئەتكەن ھەمدە ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار بولسا بۇ قېتىملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئېممانىڭ ئۆز ئېغزىدىن بايان قىلىپ بېرىلگەن.

ئېمما خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئادەتتە ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بولسىمۇ، خىتاي ۋەكىللىرى ھەرقاچان خىتايغا قارشى بولغان ئۆكتىچى كۈچلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سوراپ تۇرۇۋالىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئۇ كۆپ قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. 2020-يىلى نويابىردا خىتاي ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ بېقىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئېمما خانىم ئۇلارغا چىرايلىق قىلىپ «بۇنداق قىلىش ب د ت نىڭ قائىدىسىگە توغرا كەلمەيدۇ» دەپ رەت قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ باشلىقى «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ بۇ ئىسىملىكنى خىتاي ۋەكىللىرىگە بىر نۇسخا تەقدىم قىلغان. ئېمما بۇ ئەھۋالنى ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىغا مەلۇم قىلغاندا ئۇ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئىشتىن قوغلانغان. ئېمما خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت بۇ خىلدىكى ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى خىتاي ۋەكىللىرىگە يوللاپ بەرمەكتىكەن. بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بىرقىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانىكەن.

BBC ئاگېنتلىقى تارقاتقان «پاش قىلغۇچىلار: ب د ت نىڭ ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاكىسى يالقۇننىڭ 17 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئالغانلىقىنى دېدى. 2022-يىلى ئىيۇن.
BBC ئاگېنتلىقى تارقاتقان «پاش قىلغۇچىلار: ب د ت نىڭ ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاكىسى يالقۇننىڭ 17 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئالغانلىقىنى دېدى. 2022-يىلى ئىيۇن.
BBC

ھۆججەتلىك فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى خىزمەتچىلىرى ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ۋە يانچۇقىنى توملاش بىلەن كۆپلەپ مەشغۇل بولغان. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىىن «قولايلىق» يارىتىپ بېرىشى بىلەن شۇ دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن قانۇنسىز قىلمىشلارغا ھەمدەم بولغان. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى ب د ت نىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى ۋە تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىملىرى ئۆز دۆلىتىدىكى سىياسىي داۋالغۇش تۈپەيلىدىن سەرسان-سەرگەردانلىققا مەھكۇم بولۇپ ب د ت دىن ئۈمىد كۈتۈپ ياردەم سوراپ كەلگەن سەبىي قىزلارنى ئاياق-ئاستى قىلىپ ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرغان. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى قەبىھلىك نەچچە ئون يىل جەريانىدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. .

ھۆججەتلىك فىلىمدا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلارنىڭ يەنە بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بولۇپ، ئۇ ئاشۇ قېتىم ئىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ قېتىمقى ھۆججەتلىك فىلىمدا دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر تىلىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ئ‍ۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رېئاللىقنى تېخىمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. فىلىمدا ئۇنىڭ بايانلىرىدىكى بەزى جۈملىلەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون (Plato) نىڭ دۇنياۋى مەشھۇر سوئاللىرىدىن بولغان «قاراۋۇللارغا كىم قاراۋۇللۇق قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالىنى ۋاسىتىلىك ھالدا يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن بولغاچقا نۆۋەتتە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ب د ت تەركىبىدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن سەلبىيلىكلەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئوبزور ماقالىلىرىنى ئېلان قىلماقتا ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ب د ت نىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى قانۇن سىستېمىسى بىۋاسىتە جازالاشقا ھوقۇقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى قانۇندىن ھالقىغان قىلمىشلىرى ھېلىھەم داۋام قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.