جەنۋە «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

17-فېۋرال باشلانغان «جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.

مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن مۇنبەر دىرېكتورى، داڭلىق ئادۋوكات ۋە سىياسەتچى ھىللەل نويەر (Hillel C. Neuer) سۆزىدە «بۇ مۇنبەر ئەڭ ۋەھشىي ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى يوقىتالمايدىغانلىقىدەك جانلىق پاكىتلارنىڭ بىر يەرگە جەملىنىشىدۇر. بۈگۈن بۇ يەردە سۈكۈتكە ئورۇن يوق، پەقەت ھەقىقىي جاسارەت ۋە زۇلۇمغا قارشى تىك تۇرۇش مەۋجۇت!» دەيدۇ.

مۇنبەر دىرېكتورى، داڭلىق ئادۋوكات ۋە سىياسەتچى ھىللەل نويەر (Hillel C. Neuer) كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 17-فېۋرال، جەنۋە
مۇنبەر دىرېكتورى، داڭلىق ئادۋوكات ۋە سىياسەتچى ھىللەل نويەر (Hillel C. Neuer) كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 17-فېۋرال، جەنۋە

«جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى» ھەر يىلى دۇنيا سىياسىتىنىڭ مەركىزى بولغان جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مۇنبەر بولۇپ، بۇ مۇنبەرنىڭ مەقسىتى دۇنيا مىقياسىدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن سەھنە بىلەن تەمىنلەش بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئەنە شۇ يوسۇندا ب د ت دا ئاۋازىنى ئاڭلىتالمىغانلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقى، جاھالەت، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت خانىم قاتناشقان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ 17-فېۋرالدىكى ئېچىلىش نۇتقىدا ئايرىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە «تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھېچبىر دىكتاتۇرىلىق ئۆزىگە قارشى كۈرەشنى داۋام قىلغان ۋە ئۈمىدىنى يوقاتمىغان خەلقنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. بىز بۇ كۈرەشنى داۋام قىلىمىز، بۇ دىكتاتۇرىلىقنى يالغۇز يېڭەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، شۇڭا ئەركىن دۇنيانىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىغا ئېھتىياجىمىز بار!» دەيدۇ.

مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 18-فېۋرال، جەنۋە
مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 18-فېۋرال، جەنۋە (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەھمۇت خانىم، بۇ مۇنبەر ھەققىدە ۋە بۇ مۇنبەردە تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر مۇنبەرنىڭ 18-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنىدا خىتاي دېموكراتلىرىدىن تايمىس ۋاڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئالاھىدە قىلىپ «دادام مېدىتسىنا كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، يىگىرمە يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىسىدە ھاياتىنى خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتىدى. شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا قارىتىپ تۇرۇپ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ ۋە خەلقنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 18-فېۋرال، جەنۋە
مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 18-فېۋرال، جەنۋە (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چۈشلۈك دەم ئېلىشتا رادىيومىزدىن ئۇنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بۇ قىرغىنچىلىق ھەقىقەتەن بىر رېئاللىق ۋە قورقۇنچلۇق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قاچانقىدەك بۇ ھەقتە ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ يالغان سۆزلەش ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. مەن بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېچىنىمەن».

مۇنبەردە تايمىس ۋاڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولغانلىقى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ داۋا سېپىغا قوشۇلۇش جەريانىنى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دېموكراتىك ۋە ئادالەتپەرۋەر دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن پۈتۈن زالنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىغان بولۇپ، نۇتۇقتىن كېيىن نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەھمۇت خانىم، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 18-فېۋرال، جەنۋە
مەركىزى لوندوندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 18-فېۋرال، جەنۋە (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ قېتىمقى «جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى» دە ئۇيغۇرلاردىن رەھىمە مەھمۇت خانىم، خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن 10 كۈن بويىچە تاغ-داۋان ئېشىپ ھىندىستاندىكى دارامسالاغا ئۇلاشقان ۋە ئۇ يەردىن ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن تىبەت قىزى نامكيى، خوڭكوڭلۇقلاردىن سېباستىيان لەي، رۇسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى ۋولادېمېر كارا مۇرزا، ئىران پەھلەۋى خانىدانلىقىنىڭ سۈرگۈندىكى ۋەلىئەھدىسى رىزا پەھلەۋى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئافغانىستان، بېلورۇس، ۋىيېتنام، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى مىنىستىر ۋە دىپلوماتلىرى، شۇنىڭدەك دۇنياغا داڭلىق شاھماتچى كاسپاروۋمۇ قاتناشتى.

يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان بۇ مۇنبەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ تەشكىللىگۈچى ئورگانلاردىن بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇرلاردىن دولقۇن ئەيسا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، زۇمرەتئاي ئەركىن، قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار قاتنىشىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.