ماركو رۇبىيو خىتايغا يانتاياق بولغان ب د ت دوكلاتچىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان
2024.08.07
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى قۇرۇلۇش مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللايدىغان ۋە ئۇلارغا داۋاملىق ھوقۇق بېرىدىغان بىر ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
بۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بىر تەرەپلىمىلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىنىڭ ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ ئورۇننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ناملىق قانۇن لايىھەسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) نىڭ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا قارشى مەيدانىنى قوغدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.
بېلورۇسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى بولغان ئالېنا دۇخان 2020-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ب د ت نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىملاپ قاتناشقانلىقى ھەتتا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ جازالىرىغا قارشى تۇرايلى» تېمىسىدىكى يىغىندا نۇقتىلىق سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى دىققەت قوزغىغانىدى. كېيىن، «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئالېنا دۇخان ئىسىملىك بۇ ب د ت دوكلاتچىسىنىڭ خىتايدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ماركو رۇبىيو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا يازغان خېتىدە: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ‹بىر تەرەپلىمە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرى نامىدا مەخسۇس دوكلاتچى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭغا بېلورۇسىيەلىك ئالىنا دوخاننى تەيىنلەشنى تولىمۇ بىمەنىلىك» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ئالېنا دۇخاننىڭ بىر قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدىن قايتقاندىن كېيىن ب د ت يىغىنىدا «ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى،» دەپ سۆزلەش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قوغدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە تەتقىقات يېتەكچىسى ۋاڭ ياچيۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ب د ت نىڭ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى، ئەلۋەتتە بۇ ب د ت نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشى، سۈرۈشتۈرۈشى ۋە ھەمدە جاۋابكارلىققا تارتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆز فۇنكسىيەسىنى يوقىتىشى تۈپەيلىدىن خېلى بۇرۇنلا ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، سېناتور ماركو رۇبىيومۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا يازغان خېتىدە «ئالېنا دۇخانغا ئوخشايدىغان بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكاغا قارشى تۈزگەن قوغدىنىش پىلانى ۋە تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىق» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، ب د ت 'دىكى ئاتالمىش «بىر تەرەپلىمە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرى» نامىدىكى دوكلاتچىلىق ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكالىق باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلىنى بۇنداق ئورۇنلارغا سەپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ، ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەسلىككە دەۋەت قىلغان.
روشەن ئابباس خانىم ماركو رۇبىيونىڭ يۇقىرىدىكى بۇ تەلىپىنىڭ ئىنتايىن ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ب د ت نى جىددىي ئىسلاھ قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى دېدى.
«ئەركىنلىك سارىيى» دىن ۋاڭ ياچيۇمۇ خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر بېسىمىنى كۈچەيتىشى كېرەككەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ئورگان. شۇڭا بۇ ئورگاندا خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ نورمال خىزمەت سىستېمىسىنى بۇزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتتىق كۈچىشى ۋە خىتايدەك دۆلەتلەرنى چېكىندۈرۈشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ماركو رۇبىيو تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ ب د ت غا بېرىدىغان ياردىمىنى قىسقارتىشتا رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئەگەر قانۇن ماقۇللىنىپ قالسا ب د ت دىكى بۇ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچى ئىشخانىسى تاقىلىشى مۇمكىنكەن.