تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.01.24
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈشلەر. 2022-يىلى 23-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

23-يانۋار يەكشەنبە كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى باكىركۆي ئولىمپىك خىزمەت بىناسى ئالدىغا يۈزلەرچە ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولدى. ئۇلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقسىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

نامايىشچىلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى شوئار توۋلاپ پاش قىلدى ۋە تۈرك خەلقىنى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقسىنى بايقوت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا: «خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىسۇن!»، «تۈركىيە قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقسۇن!» «بېيجىڭ ئولىمىپىكىنى بايقوت قىلايلى!» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈشلەر. 2022-يىلى 23-يانۋار، تۈركىيە.

نامايىش جەرىيانىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن بايانات ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان رايوندا ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتىدۇ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارادا مەلۇم نىسبەتتە قارشىلىققا ئۇچرىدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن تەركىپ تاپقان 43 دۆلەت ب د ت دا خىتاينى ئەيبلىدى.»

تاھىر كۆكبايراق خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىش ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەكىتىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىققا ئوخشاش دۇنياۋىي قىممەت قاراشلارنىڭ سىموۋلىي بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشى ئولىمىپىكنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپتۇر. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئېلان قىلىشى، ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشى، بىز شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتىلىرىنى ۋە خەلق ئاممىسىنى ئېچىندۇرىدۇ ۋە چوڭقۇر قايغۇغا سالىدۇ.»

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈشلەر. 2022-يىلى 23-يانۋار، تۈركىيە.

تاھىر كۆكبايراق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ب د ت ۋە دۇنيا جامائەتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ۋە پۈتۈن ئەزا تەشكىلاتلار نامىدىن، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ زالىم خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىشىدىن ئەندىشە ۋە قايغۇلىنىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ۋىجدان بار تەنتەربىيەچىلەرنى، تۈركىيە قاتارلىق پۈتكۈل ئىسلام ئەللىرىنى بۇ قېتىملىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقرىق قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى بىرلىكى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.»

نامايىشقا قاتناشقان «ئىيى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى مەسئۇلى كۇرشات جەيلان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈنكىدەك ناھايىتى قاتتىق سوغۇق بولۇپ قار يېغىۋاتقان ۋە بالا-چاقىلىرىمىز، ئائىلىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈش كېرەك بولغان دەم ئېلىش كۈنىمىزدە، بۇ يەرگە جەم بولدۇق. چۈنكى بالا-چاقىلىرىنى، ئائىلە ئەزالىرىنى، ئاتا-ئانىلىرىنى يىللاردىن بۇيان كۆرەلمەيۋاتقان ۋە ھەتتا ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمايۋاتقان، ئۇلار توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەيۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ھەممىمىز بىلىمىزكى، دەرت-ئەلەم ۋە زۇلۇمنىڭ دىنى، تىلى، مىللىتى يۇقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا ھېسداشلىق قىلىشىنى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز.»

كۇرشات جەيلان ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە ھەر دائىم قارشى تۇرىمىز. خىتاينىڭ ئولىمىپىك مۇسابىقسىغا قارشى ئېلان قىلىنغان بايقۇت قارارلار بىر باشلىنىشتۇر. بايقۇت قارارى ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭمۇ قوشۇلۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى باشقا چوڭ دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغانغا ئوخشاش، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن، كۈچ چىقىرىدىغانلىقىمىزغا سىلەرنىڭ ھۇزۇرىڭلاردا ۋەدە بېرىمىز!»

تاھىر كۆكبايراق، بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرۇش، پۈتۈن دۇنيا جامائىتى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىققا، تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭمۇ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش خىتايغا دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقرىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

TRT «سىپور»، يەنى تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا 4-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدىغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىسىغا، قار تېيىلىش تۈرىدە 6 نەپەر، مۇز تېيىلىش تۈرىدە 1 نەپەر تۈرك تەنھەرىكەتچىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى توغرىلىق ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بايانات ئېلان قىلمىدى ۋە ئىپادە بىلدۈرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.