گېرمانىيەدە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-مارت. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-مارت. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

بۈگۈن 15-مارت كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى سودا ۋە ساياھەت مەركىزى بولغان مەريەم مەيدانىدا «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى.

بۇ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلاردىن روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن تۇنجى كۆرگەزمە ۋاشىنگتوندا نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى يەنە دۇنيادىكى 15 دۆلەت، 33 شەھەردە ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ پائالىيەتنىڭ گېرمانىيەنىڭ 4 چوڭ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان ئىكەن.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى مەريەم مەيدانىدا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە ميۇنخېندا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار قاتناشتى. پائالىيەتتە كۆرگەزمە قىلىنغان رەسىملەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قامالغان زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، ھەر ساھە ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى، لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ھەم سىياسىي مۇھىتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ لاگېرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ئەمەس، بەلكى «تېخنىكىلىق تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى تەكرار ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر چاغدا دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئارقىلىق بۇ يالغانچىلىقنى پاش قىلىش، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن. 

ميۇنخېن شەھىرىدىكى چوڭلار مەشرىپىنىڭ قازىسى، جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «بىزنىڭ خىتايغا قارشى بۇ كۈرىشىمىز پەقەت جازا لاگېرلىرى تاقالغىچىلا ئەمەس، بەلكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تولۇق ئازاد بولغۇچە داۋاملىشىدۇ،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. 

پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دا باشلىنىپ، 17:00 دا ئاخىرلاشتى. پائالىيەتچىلەر پەقەت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى ئالدىن ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقاتتى ھەمدە قىزىققۇچى يەرلىك ئاممىغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەلىمە خانىممۇ پائالىيەت ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈندىن باشلاپ ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ياۋروپانىڭ كۆپلىگەن مەركىزىي شەھەرلىرىدە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيەتلىرى قانات يايىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت