بىريۇسسېلدا خىتايغا قارشى زور نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.10.02
biryussel-2019-10-1-namayish-1.jpg د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىپادىلەنگەن سۈرەتنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بىريۇسسېلدا، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى بىرلەشمە زور نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خوڭكوڭ، تەيۋەن تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدا كۆلىمى زور بولغان بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.


بۇ قېتىمقى نامايىشقا بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، كانادا، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار شۇنداقلا تىبەت، موڭغۇل، خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

نامايىش چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دا ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا باشلاندى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 10 غا يېقىن ئەزاسى بۇ مەيداندا خىتاينىڭ غەيرىي ئىنسانى سىياسىتىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى ئەيىبلەپ ئارقا-ئارقىدىن نۇتۇقلار سۆزلىدى. قاتتىق يامغۇر كىشىلەرنىڭ ئۈستى-باشلىرىنى چىلىق-چىلىق ھۆل قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يامغۇرلۇق تۇتىدىغان قوللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى مەھكەم قاماللاپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى نامايان قىلدى. نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بىزگە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2018-يىلى 27-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» نىڭ 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى 15 ماددىلىق قارارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا بەلگىلىك رولى بولغان. ئەمما خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى گەرچە ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، شۇندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدىن تا ھازىرغىچە بۇ قارارنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىدىغان ياكى خىتايغا قارىتا ئامېرىكا كەبى ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىدىغان كۈچلۈك بىر سادا چىقمىغان. بۇ يىل 10-ئىيۇل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 25 غەرب دۆلىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىرلەشمە باياناتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئۇنى جىددىي خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان دۆلەت پەقەت ئامېرىكا بولماقتىكەن.

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەم باشقا مىللەتلەر سائەت 12:30 ئۆتكەندە ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىن ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ يولغا چىقىپ، خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا يۈرۈش قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. سائەت 15:00 گە قەدەر داۋام قىلغان بۇ نامايىش ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىياتتا، جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئىچىدە داۋام قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دۆلەت مارشلىرىدىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە تىبەت، خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يەردە نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتايغا بولغان قارشىلىق ئىدىيەلىرىنى ئىپادە قىلدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەھتىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېسلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىش د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق بىرلەشمە زور نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئېلىپ بارغان، بۇ نامايىشقا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان. شۇ يىلى 6-نويابىر كۈنى ب د ت بىناسى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.