جىم ماكگوۋېرن: خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.12
Campaign-For-Uyghurs-Event-20200709.jpg خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنازىرە سۇپىسى ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى ۋە مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تور مۇنازىرىسىنىڭ ئېلانى.
Social Media

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ تارىخىي پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جىددىي مۇنازىلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.

خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنازىرە سۇپىسى ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇدىرى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى ۋە مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا مەلۇم، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن جىددىي. تەخمىنەن بىر مىليون 800مىڭدىن ئارتۇق كشى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماقتا. خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشكە ئائىت ئىسپاتلارغا ئاساسەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بېكىتىشىچە خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ». 

جىم ماكگوۋېرن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكىلەر شۇنىڭدەك مۇھىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدە ھەر ۋاقىت مەيدانى ئېنىق. خىتاي يىللاردىن بېرى ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. ئەگەر بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ زۇلۇمىغا قارشى تۇرمىساق، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتىمىز بولمايدۇ».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئادرىيان زېنىزدەك تەتقىقاتچىلارغا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرىغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتقان ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى شەرقى تۈركىستاندا ئېچىنىشلىق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەجلىس ئەزاسى ماكگوۋېرن ئېيتقاندەك خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. مېنى ھەممىدىن خۇشال قىلىدىغىنى ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەك ۋە باشقا پالاتا ئەزالىرى ‹يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى› نى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بۇ تېخى خىتايغا يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەتلىرىمىزنىڭ باشلانمىسى». 

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «1944-يىلى يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن 2020-يىلىدا شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلاردىكى ئوخشاشلىقلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە قىلالايدىغىنىمىز شۇكى ئوچۇق-ئاشكارا، رەسمىي يوللار بىلەن خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشكە كۈچىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكانىڭ بۇنداق كەسكىن قارار ئېلىشىنى تېزلەشتۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرى يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەشكە» دائىر دوكلات بولۇپ، 29-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىگە يەتمىگۈچە توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا دائىر تۇنجى قېتىم كونكرېت ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئېرىشكەن ئىسپاتىمىز. بۇ ئىسپاتلار ‹جەنۋە ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى›دا دېيىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماددىلىرىغا چۈشىدۇ. مەسىلەن: تۇغۇتنى كونترول قىلىش. كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا كەلسەك، نۇرغۇن كىشى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ سىستېمىلىق، كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلغانلىققا دائىر ئىسپاتىمىز يوق. بالىلارنى ئېلىۋېلىش، يەنى ياتاقلىق مەكتەپ نامىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىش قاتارلىق ئامىللار بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. مەن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ھالقىغان، ‹نوپۇس قىرغىنچىلىقى› دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش، ئىستراتېگىيەلىك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولىدۇ. ھازىرغىچە 20-25 پىرسەنت ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ سىياسەتنىڭ قۇربانى بولدى. مېنىڭچە خىتايلار تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمىگۈچە توختىمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس».

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئاللىبۇرۇن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دىن ھالقىپ كەتكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەرلەۋھىلىك مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغانىدى. 

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 8-ئىيۇل «شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق 30 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتا ‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى›نىڭ 5 ماددىسىنى گۇۋاھچىلار ۋە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقتۇق. بۇ دوكلات ئارقىلىق خەلقئارادىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ‹بېسىۋېلىنغان زېىمىن› ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ خىتايغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جىنايى جاۋابكارى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىنى ۋە جازالىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

روشەن ئابباس خانىم ئاخىرىدا داڭلىق پەيلاسوپ جون ستۇئارتنىڭ «ئەسكى ئادەملەرنىڭ مەقسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن ياخشى ئادەملەرنىڭ ھېچ ئىش ئىش قىلماستىن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى يېتەرلىك»، دېگەن مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ھەقنى سۆزلەشتىن توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ مۇدىر ئالىم سېيتوف ئەپەندى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرىدىن ئالتە كىشىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى خادىملىرىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق، بىزنى جىمىقتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، بىز تەھدىتلەرگە باش ئەگمەيمىز، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن زۇلۇمنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىمىز. بىزنىڭ خىزمىتىمىز بەك مۇھىم. چۈنكى بىز خىتاينىڭ تىلىنى، خاراكتېرىنى، سىياسىي مەقسىتىنى بىلىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.