CATO سۆھبىتى: «ترامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.17
amerika-xitay-bayraq-burkut-ejderha-1920 ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىق رىقابىتى كەسكىنلەشمەكتە
Photo: RFA

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ئىزچىل يامانلىشىش يۆنىلىشىدە داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بۇ خىل يىرىكلىشىشنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى بەلگىلەپ كەلگەن ئىدى. يەنە بىر ياقتىن دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدە ھەمدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھەققىدىكى پىلانلىرىنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. تېخىمۇ مۇھىمى دونالد ترامپنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بايانلىرى نۆۋەتتە ھەر خىل شەرھىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن تەخمىنلەرمۇ ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «CATO ئاقىللار مەركىزى» 16-يانۋار كۈنى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى روبېرت دېلانىي (Robert Delaney) بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ دەۋرى باشلىنىش ھارپىسىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر قانداق روشەن سىگناللارنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىدىن گەپ باشلىدى.

«CATO ئاقىللار مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى كلارك پەككارد (Clark Packard) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، بۇنىڭدىكى ئەڭ روشەن ئۇچۇرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ساھەسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىشى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بايدىن دەۋرىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىزچىل يىرىكلىشىشكە قاراپ ماڭغان. نۆۋەتتە بۇ ھالنىڭ كېيىنكى تۆت يىلدا داۋام قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆتكەن تۆت يىلدىنمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئورتاق پىكرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولماقتا. بولۇپمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتلەرگە تەيىنلەنگەن زور تۈركۈم كىشىلەر بىردەك خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇش تەشەببۇسى بىلەن تونۇلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا مەسىلىسىدە تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى كەسكىن ھالدا تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، ترامپ ھۆكۈمىتى «تىك-توك» ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە سودا مەسىلىسىدەك كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلىمىگەن بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان تەخمىنلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«CATO ئاقىللار مەركىزى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېرىك گومېز (Eric Gomez)نىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سودا مەسىلىسىدە «تېسلا» (Tesla) گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئېلون ماسك (Elon Musk)نىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ئۇنچە ئېنىق ئەمەس. ئېلون ماسك ئىلگىرى خىتاي بىلەن بولغان سودا مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىدە دونالد ترامپنىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە ئېلون ماسكنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، سودا مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى دېگەنلەرگە ھازىرچە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

مۇھاكىمە تېمىلىرى قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مەسىلە ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش يۈزلىنىشى بولدى. ئېرىك گومېزنىڭ قارىشىچە، يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ئىزچىل پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئوغرىلىققا تايىنىپ زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەن. ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىلدا ناۋادا ئامېرىكا تەرەپ تەمىن ئېتىپ كەلگەن پەن-تېخنىكا بولمىسا خىتاينىڭ بۇنچىلىك قۇدرەت تېپىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى رىقابەتتە ئادىل بولماسلىقى ئاللىقاچان ئامېرىكا تەرەپنى جاق تويغۇزۇۋەتكەن. يەنە بىرى، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى تېزدىن كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش غايەت زور دەرىجىدە پەن-تېخنىكىغا تايىنىدۇ. ناۋادا بۇ جايدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ بەكمۇ يىراق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى لازىم. شۇندىلا خىتاي بۇ خىلدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن مەنپەئەت قازىنىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

مۇھاكىمىدىكى يەنە بىر مەسىلە بىرىنچى قېتىملىق ترامپ دەۋرىدە سودا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقى ھەمدە نۆۋەتتە يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئېھتىماللىقى بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە ھالدا خىتايغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ ساھەدە قانداق چەكلىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا كلارك پەككارد بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايغا قارىتا سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىشى ئېنىق. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىگە قىزىقتۇرۇشتا بەزى مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىتتىپاقداش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايدىكى زور سودا مەنپەئەتىدىن ئالدىراپ ۋاز كېچەلمەيۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سودا ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەرنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە بەزى قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىر مۇھىم ھەل قىلىش چارىسى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش، شۇنىڭدەك خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ئامېرىكا تەۋەسىگە قايتۇرۇپ كېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت بۇ يۈزلىنىشنى قوللاۋاتقان بولۇپ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.

مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئورتاق پىكرىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تەيۋەن مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ ئورتاق كېلىشىمگە ۋە بىرلىككە كېلەلىشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسى ئەڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ، خىتايمۇ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بەكمۇ سەزگۈر بولۇپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاينى بىۋاسىتە ئۇرۇشقا ئېلىپ كىرىدىغان بىردىنبىر مەسىلە. ھالبۇكى بۇنداق دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىشىدىغان ھېچقانداق ساھە مەۋجۇت ئەمەس، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما ھەمكارلىشىش مەسىلىسى ھازىرچە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. بولۇپمۇ ترامپ دەۋرى يېتىپ كېلىپ ھارپىسىدا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ بايدىن دەۋرىدىكىدەك كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى سودا ساھەسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالىنى ئىشارە قىلىدۇ.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئەنە شۇ يوسۇندا سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ساھەلەرگە چېتىلغان ھالدا راۋاجلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ئىزچىل دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكۈچى زور تېما سۈپىتىدە ئوخشاش بولمىغان مۇھاكىمىلەرگە سورۇن ھازىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.