چاقىلىق سوت مەھكىمىسى مەخپىي ھۆججەتلەر قاتارىدا ئاشكارىلانغان بىر ھۆكۈمنامىنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

26‏-نويابىر كۈنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش مۇخبىرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى قاتارىدا چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ بىر سوت ھۆكۈمنامىسىمۇ ئاشكارىلانغان. بۇ ھۆكۈمنامىدە مەلۇم بىر مەھكۇمنىڭ باشقىلارغا شەھۋانىي فىلىم كۆرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ماتېرىياللارنى «ساختا ۋە توقۇلما» دەپ ئىنكار قىلغان ئىدى. مۇخبرىمىزنىڭ چاقىلىققا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ھۆكۈمنامىنىڭ چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى دەلىللەندى.

مەخپىي ھۆججەتلەر قاتارىدا ئاشكارىلانغان چاقىلىق ناھىيەسىگە ئائىت بىر سوت ھۆكۈمنامىسىدە مەلۇم بىر جاۋاپكارنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان شېغىل زاۋۇتىدا (بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا) باشقىلارغا شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ خىتايدىن پەرقى قالمايدىغانلىقى ۋە دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا «ساختا ۋە توقۇلما» ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى «دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ياساپ چىققانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى» نامىدىكى بۇ ھۆكۈمنامىدە سوتچىلارنىڭ بولسا پاتىگۈل روزى ۋە نورۇزگۈل بارات ئىكەنلىكى، باش سوتچىنىڭ ئەركىن غوجائىمىر، پۈتۈكچىنىڭ راھىلە قۇربان ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بىز چاقىلىق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئالدى بىلەن مەزكۇر ئىسىمدىكى سوت خادىملىرىنىڭ بۇ مەھكىمىدە بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. نۆۋەتچى خادىم پاتىگۈل روزى ۋە نورۇزگۈل باراتنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە پۈتۈكچى راھىلە قۇرباننىڭمۇ، باش سوتچى ئەركىن غوجائىمىرنىڭمۇ نۆۋەتتە ۋەزىپىدە ئىكەنلىكى ۋە ئىشخانىلىرىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز يەنە بۇ خادىمدىن مەزكۇر ھۆكۈمنامىدا ئىسمى قەيت قىلىنغان خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدىمۇ ئىزاھات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم پاتىگۈل ۋە نورۇزگۈللەرنىڭ سوتچى ئىكەنلىكى، ئەركىن غوجائىمىرنىڭ باش سوتچى ئىكەنلىكى ۋە راھىلە قۇرباننىڭ پۈتۈكچى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

بۇ مەھكىمىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر بۆلۈم باشلىقىمۇ مەزكۇر ھۆكۈمنامىدە تىلغا ئېلىنغان سوت خادىملىرىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ بۇ خادىملارنىڭ تەپسىلىي كىملىك ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئۇنىڭغا قولىمىزدىكى ھۆكۈمنامىنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ بېرىپ، بۇ ھۆكۈمنىڭ بۇ سوت مەھكىمىسىگە ئائىت ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بۇنىڭ 2018‏-يىلدىكى بىر دېلو ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. سوت ھۆكۈمىدىمۇ ھۆكۈمنىڭ 2018‏-يىلى 6‏-ئايدا چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن مەھكۇمنىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتە قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دېلوغا بىۋاسىتە ئارىلاشمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت