چېخىيە پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان يىغىندا خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىلدى
2024.01.17
15-يانۋار كۈنى، خىتاي بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا 10 يىل بولغان خاتىرە كۈنىدۇر. 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چېخىيە پايتەختى پىراگادا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ چېخىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى قاتناشقان. ئەنۋەر جان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ چېخىيەدىكى باش ئەلچىسى بىجان سابىت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىدە ئەركىنلىك دېموكراتىيە كۈرەشچىسى ئىلھام توختى توغرىسىدا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى» .
يىغىن تەپسىلاتىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ چېخىيەدىكى باش ئەلچىسى بىجان سابىت سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان ئىلھام توختىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مۇھىم يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈن بۇ يەردە سىلەر قىممەتلىك مېھمانلار بىلەن بىرگە بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.»
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كاترىنا خانىم ئىلھام توختىنىڭ ھايات-سەرگۈزەشتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۇنجى ئىسپاتى بولغانلىقىنى، 2017-يىلىدىن تارتىپ ئۇنى بالا-چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ كىشىلەردە ئۇ توغرىلىق ئەنسىرەش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئارقىدىن ئەنۋەر جان سۆز قىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا غايىب قىلىنغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، دۇنيا جامائىتىنىڭ تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. ئەنۋەر جان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بارچە خەتەرگە قارىماستىن ئۆزىنىڭ كۈرەش يولىدىن ۋاز كەچمىگەن جاسارەتلىك، پىداكار ۋە تالانتلىق ئەزىمىتىمىز ئىلھام مۇئەللىمنى خەلقئارا سەھنىدە تونۇشتۇرۇش، تەرغىب قىلىش ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشىش مەقسىتىدە قوللاش پائالىيىتىنى باشلاتقانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھازىر ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ كىشى تەرىپىدىن 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىز توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردىم» .
ئەنۋەر جان ئەپەندى پىراگادىكى يىغىندىمۇ ياۋروپالىق بولۇپمۇ چېخىيەلىك سىياسىيون ۋە پىروفېسسورلارنى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى خىتايدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن زىيالىيدۇر. مەنچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۇنىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. شۇڭا بىز بىر قانچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى سىياسەتچى ۋە ئالىملارنى ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىش پائالىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ يىلمۇ كۆپ ساندا ياۋروپالىق ۋە تۈرك پىروفېسسورلارنىڭ قوللىشى بىلەن نامزاتلىققا كۆرسەتمەكچىمىز. ئۇ، 2019-يىلى ‹ساخاروف مۇكاپاتىنى› ئالدى. ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىلھام توختى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە دۇنياۋى تىنچلىق، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان ئوندىن كۆپ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. ئۇ كېيىنكى 6 يىل ئىچىدە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى. بىز ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىشنى داۋام قىلىمىز. چېخىيەدىمۇ چاقىرىق قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ زور دىققىتىنى تارتتۇق».
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىڭ 10-يىلىغا كەلگەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى2017-يىلىدىن باشلاپ ئىلھام توختىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ھازىر ئۇنىڭ ئاقىۋىتى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەتتا ھاياتتا ياكى ئەمەسلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئۆتكەن يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇچرىشىشىدا ياۋروپا ۋەكىللىرى خىتاي تەرەپتىن ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى، ھايات بولسا ئۇنىڭ ھازىر قايسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى سورىغان. بىراق خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابى مۇتلەق سۈكۈت قىلىش بولغان. ئۇلار بۇ ھەقتە يا ھە، يا ياق دېمەي، ئىلھام توختى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى كەسكىن رەت قىلغان.