دىلنۇر رەيھان «فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيە قانىلىدا «خىتايپەرەىس مۇتەخەسسىسلەر» بىلەن يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرىلەشتى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، 1-سېنتەبىر كۈنى «فىرانسىيە 24» قانىلىدا مەزكۇر دوكلات توغرىسىدا بىر مۇنازىرە پروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مۇنازىرە پروگراممىسىغا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان، ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى جاڭ فىرانسۇئا، ژۇرنالىسىت ئالەن دۆ شالغۇڭ ۋە فىرانسىيەلىك خىتاي ئىقتىسادشۇناس جاڭ پائۇل چاڭ قاتارلىقلار قاتناشقان. پروگراممىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى تەكرارلىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن دوكتور دىلنۇر رەيھان ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە بولغان.

دوكتور دىلنۇر رەيھان «فىرانسىيە 24» قانىلىدا فىرانسىيەلىك خىتاي ئىقتىسادشۇناس جاڭ پائۇل چاڭ(Jean Paul Tchang) نىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تېررورلۇق تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بەرمەكتە. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر.
دوكتور دىلنۇر رەيھان «فىرانسىيە 24» قانىلىدا فىرانسىيەلىك خىتاي ئىقتىسادشۇناس جاڭ پائۇل چاڭ(Jean Paul Tchang) نىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تېررورلۇق تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بەرمەكتە. 2022-يىلى 1-سېنتەبىر. (france24.com)

فىرانسىيەلىك خىتاي ئىقتىسادشۇناس جاڭ پائۇل چاڭ پروگراممىدا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ياپماقچى بولغان ۋە خىتاي سىياسەتلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان. كۈنمىڭ ۋوگزالى ۋەقەسى ۋە تيەنئەنمېن ماشىنا پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىق پاجىئەلەرنى تارتىپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. دىلنۇر خانىم نەق مەيداندا سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قېلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. دىلنۇر خانىم خىتايپەرەس مۇتەخەسىسنىڭ بايانلىرىغا قارىتا مۇنداق دېگەن:

«بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەللىرىگە تاپىنىمىز تەگمەي تۇرۇپ ساقچىلار بىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. كۈنمىڭ ۋوگزالى ۋە تيەنئەنمېن مەيدانى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا، شۇنداق تۇرۇقلۇق ساقچىلارنىڭ نەق مەيدانغا يېرىم سائەت كىيىن كېلىشى ئىنتايىن گۇمانلىق.»

فىرانسىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچى تۇرغۇن ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىپ، مەزكۇر مۇنازىرە پروگراممىسى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پروگراممىنىڭ داۋامىدا ژۇرنالىست ئالەن دۆ شالغۇڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتىغان. خىتايشۇناس جاڭ فىرانسۇئا بولسا خىتاي ۋە فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا توختالغان ۋە ياۋروپانىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا ئۇزۇن مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دىلنۇر خانىم مەزكۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سالغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بايانلىرىغا نەق مەيداندا كەسكەن رەددىيە بىلدۈرگەن.

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق بەختىيار تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بەختىيار ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنى تا ھازىرغىچە تېررورلۇق بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلىدىغان ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئازراقمۇ چۈشەنچىسى بولمىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بىلجىرلىشىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ خىتاينى ئاقلىغان ۋە جىنايەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرگەن مۇتەخەسسىسلەرگە دەل ۋە كەسكەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى، خىتايپەرەس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىلنۇر خانىمنىڭ مەنتىقلىق رەددىيەلىرىگە گەپ تېپىپ بېرەلمەي تەمتىرىگەنلىكىنى، دىلنۇرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دادىل ئاڭلاتقانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پروگراممىدا خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە چاپان ياپقان ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ سالمىقىنى كىچىكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىل-ئىسپات بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىياسىي ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى بۇرۇنقىدەك ئوڭايغا توختىمايدىكەن، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولغانلار تېخىمۇ كۈچلۈك ئەيىبلەنمەكتىكەن. دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى تەسىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ تەسىرى ۋە ئابرۇيىنىڭ بارغانسېرى خۇنىكلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا ئاساسىي «مېدىيا» نىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ «فىرانسىيە 24» قانىلىدا ئىككىنچى قېتىم خىتاينى ياقىلايدىغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن روبىرو مۇنازىرىگە چۈشىشى ئىكەن. بۇندىن بۇرۇن دىلنۇر خانىم خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېۋىزىيە مۇنازىرە پروگراممىسىدا ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشنى ئۇرۇنغان خىتاي-فىرانسىيە سودا كابىنېتىنىڭ مۇدىرى چۈن يەنلىگە كەسكىن رەددىيە بەرگەنلىكى ئۈچۈن فىرانسىيەدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى.