شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار «ئىلاھى دەستۇر قۇرئان كەرىم» شەرىپىگە يىغىلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.05.31
Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-1.jpg «ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.
Photo: RFA
Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-1.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-2.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-3.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-4.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-5.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-6.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-7.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-8.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-9.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

Shimaliy-amerika-musulman-yighilish-0.jpg

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كېرەم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 28-ماي، ئامېرىكا.

«ئىلاھى دەستۇر قۇرئانى كەرىم» شەرىپىگە بېغىشلانغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشى، 28-مايدىن 30-مايغىچە مارىلاند شتاتىنىڭ بالتىمور شەھىرىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىلىش پايتەخت ۋاشىنگتونغا قوشنا بالتىمور شەھىرىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا 3 كۈن ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق داۋام قىلدى. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ئىسلام چەمبىرىكى بولسا ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكى. ICNA نىڭ 2016‏-يىللىق مۇسۇلمانلار يىغىلىشىدا ئاساسلىق قۇرئاننى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن يولدا ھەقىقىي تۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە تەبلىغ، ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاساس قىلدى. 20 مىڭدىن كۆپلىگەن ئەر ئايال قېرى ياش ۋە بالىلار بىرلىكتە ناماز ئوقۇدى.

بالتىموردا مېھمان سارايلار، بارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرى، مۇسۇلمانلارنى قارشى ئېلىشقا پۇختا تەييارلىق قىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەتكە ۋاقتىدا، كۆڭۈللۈك قاتنىشىشى ئۈچۈن دوستانە ماسلاشقان شارائىتلار يارىتىلغان. بۇ پائالىيەت مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ، ئىسلامغا قىزىققۇچىلارغىمۇ كەڭ ئىشىك ئاچقان بولۇپ، پائالىيەتتە باشقا دىندىكىلەر ۋە ھەر قىتئە، ھەر جايلاردىن، ھەر ئىرق ۋە مىللەتلەردىن كىشىلەر جەم بولدى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.

شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بۈيۈك يىغىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان ئىكنانىڭ باش كاتىپى مۇھەممەت رەھمان بۇ قېتىملىق يىغىلىشنىڭ دۇنيادا بولۇپمۇ ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى سەلبىي ئىنكاسلار مەيدانغا كېلىۋاتقان شۇنداقلا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا پرېزىدېنت سايلىمى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك بۇ بۈيۈك يىغىلىشى ‹ئىلاھى دەستۇر قۇرئان› شەنىگە بېغىشلاندى، قۇرئانى كەرىم ھەققىدە يۈزلىگەن ئالىم ۋە ئۆرنەك ئۇستازلار ئەھمىيەتلىك نۇتۇقلار بەردى، ئالىملىرىمىزدىن نۇرغۇن سوئاللار سورالدى. تەخمىنىمچە قاتناشقۇچىلار 23 مىڭدىن 25 مىڭغىچە بارىدۇ. 3 كۈنلۈك پائالىيەتلىرىمىز بەكمۇ تەرتىپلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتتى. كۆرگىنىڭلاردەك ئائىلىلەر، ياشلار ھەتتا بالىلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە پائالىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلىدۇق. نەچچە يۈزلىگەن مۇسۇلمان پىدائىيلار پائالىيەت ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلدى. بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئىمانى ئېتىقادىغا ئىلھام بېرىش، ئىسلام جەمئىيەتلىرىمىز يۈزلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىپ ھەل قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغىمۇ ئىسلام دىنىمىزنى تونۇتۇشنى، ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ باردۇق. ئىشتىراكچىلار ئۈچۈن مەسچىت مەيدانى، ھالال يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن غىزالىنىش مەيدانى ۋە مەخسۇس چوڭ بازار، بالىلار ئۈچۈن يەسلى ۋە باغچە پروگراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ماشائاللاھ پائالىيىتىمىز يىلدىن-يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىمىز بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ، ئىنشائاللا بۇ يىغىلىشىمىزدىن ھەممە مەنپەئەت تاپقۇسى. ئاللاھ رازى بولغۇسى ئىنشائاللا.»

تەرتىپلىك، مول مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك، ئىنتايىن ئىللىق ئائىلىۋى كەيپىياتتا داۋام قىلغان پائالىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆرنەك دىنىي ئۇستازلاردىن ياسىر غازى، ھامزا ئاندىراس، نومان ئالىخان، ئومار سۇلايمان، ئابدۇراخمان خان قاتارلىقلارنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى لېكسىيە دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەيدانلار لىق تولدى.

قۇرئان ئوقۇش ۋە يادلاش ھەمدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش مۇسابىقىلىرىگە ھەتتا 4، 5 ياشتىكى بالىلارمۇ قاتناشتى.

ئۈچ كۈن ئۇدا، چوڭ بازار، يەرمەنكىلەر ئېچىلدى. 500دىن ئارتۇق دۇكان ۋە بوتكىلاردا تۈرلۈك ھالال بۇيۇملار، ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلار، كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەتلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى.

پائالىيەت جەريانىدا بالىلارنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى بولسا، بالا ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ياش پەرقىگە ئاساسەن ھازىرلانغان ھەدىسلەر، پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ھېكايە ئېيتىش، كارتون فىلىملارنى كۆرسىتىش مەيدانلىرى ۋە ئويۇن ئويناش مەيدانلىرى بولدى، ئىشتىراكچىلارنىڭ غىزالىنىشى ئۈچۈن، ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئايرىم‏-ئايرىم سورۇنلار ھازىرلانغان، تېببىي ياردەم ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەمگە موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك كەسىپلەرگە ئىگە پىدائىيلار توختىماي خىزمەت قىلدى، بۇ مۇسۇلمانلار ھەر ئىرق، ھەر تىلدا سۆزلەشسىمۇ ئوخشاش سالاملىشاتتى، يۈزىدە ئوخشاش تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي يىغىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ بىر ئائىلىسىگە ئوخشاپ قالدى، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ تەبلىغلىرى، قۇرئان تەپسىرلىرى مۇھاكىمىلىرىگە ۋەز نەسىھەتلىرىگە قاتناشقانلاردىن شۇ مەيداندىلا شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ بولدى، كۆپ ساندا جامائەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھلىنىش مۇراسىملىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

3 كۈنلۈك پائالىيەتتىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى، سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ۋە ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ئىئانە توپلاش ۋە ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان مۇسۇلمان ئارتىسلارنىڭ ئىجراسىدىكى قۇرئان ۋە ئاللاھ كۈيلەنگەن مەخسۇس خەيرى ساخاۋەت كېچىلىكى بولۇپ، بەش مىڭ كىشىلىك زال لىق تولدى. بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ ئالاھىدە كېچىلىكتىن ھەممە ئورتاق تەسىرلەندى ۋە ھاياجانلاندى.

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم كۈن تەرتىپكە كىرگەن ئىكنانىڭ ئۆتكەن يىللىق مۇھەممەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆرمىتىگە بېغىشلانغان -40 نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىمۇ دەل مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەت 30-ماي زور ئۈمىد ۋە تىلەكلەر بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، ئىشتىراكچىلار كېلەر يىلى رامىزان كىرىشنىڭ ھارپىسىدا يەنى 14-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە 42-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشتا ئوخشاش جايدا ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىپ خوشلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.