خىتاي ھەج ئۆمىكى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ھاجىلار بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئاستىدا ھەج قىلماقتا
2013.10.07

2013-يىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پائالىيىتى مەككە-مۇكەررەم ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە جىددىي داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلار تۈرلۈك سىياسىي بېسىم ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.
مەككىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەككىنى ئۆز ئالدىغا زىيارەت قىلىشى، ھەتتا كوچىدا ئۇچرىغان باشقا ئۇيغۇرلارغا سالام قىلىشىمۇ چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلارغا خىتاي كونسۇل خانىسىدا مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باش كونسۇلى ئەنۋەر قاتارلىق خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى مەككىگە بېرىپ خىتاي ھەج ئۆمىكىدىن ھال سورىغان ۋە شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ ھاجىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا سۆز قىلغان.