دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر تاھىر ھامۇت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك بىلەن بىرگە. 2018-يىلى 24-ئىيۇل. ۋاشىنگتون د.س.، ئامېرىكا.
ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر تاھىر ھامۇت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك بىلەن بىرگە. 2018-يىلى 24-ئىيۇل. ۋاشىنگتون د.س.، ئامېرىكا.
RFA/Jume
دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر تاھىر ھامۇت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قوللاشقا چاقىردى.


24-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە 3 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 24-ئىيۇل سەھەردە باشلاندى. 

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۆز نۇتقىدا دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھەر خىل دەرىجىدە چەكلىمىگە، دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزى ھاللاردا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ۋەھشىيلىككە، زۇلۇمغا ۋە ئۆلتۈرۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلغاندىن كېيىن، دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنى ساناپ ئۆتكەندە خىتايدا لاگېرلارغا بەند قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا زور ساندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قاياقتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا يوللاندى. تىبەت بۇددىستلىرى ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشتا كۆرۈنەرلىك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى. خرىستىئان پوپلىرى تۈرمىلەرگە تاشلاندى.»

ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن، بۇنىڭ تىنچلىق، ئاسايىشلىق ۋە مۇقىملىققا تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيادا ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا چوقۇم خاتىمە بېرىش لازىملىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي رەھبەرلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن باشقا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر ۋە ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ 20 نەچچە نەپەر ۋەكىلى ئۆز خەلقلىرىگە ۋاكالىتەن سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. 

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر تاھىر ھامۇت مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. 

ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەك يىغىندا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى تونۇشتۇرغاندا، يىغىندا باشتا سۆزلەيدىغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى تاھىر ھامۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە بۇنىڭ ئادەمنى تولىمۇ بىسەرەمجان قىلىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا قارىتا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشىلەندۇق. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرگەنلىكىگە ئائىت دوكلاتلاردىن بەكمۇ بىسەرەمجان بولدۇق. مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ‹سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيىلەش› دەپ پەردازلىنىپ جىددىي ياسالغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن تارتىپ ۋە تۈرمىلەرگىچە قامالغانلىقى، بۇلارنىڭ مىسالى. بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئۇلار ھېچقانداق، سوت ۋە قانۇنىي تەرتىپلەردىن مەھرۇم ھالدا قەرەلسىز قامالغان. بۇ لاگېرلار ھەققىدە بىزگە كەلگەن خەۋەرلەر ۋەھىمىلىك بولۇپ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىدۇ.» 

يىغىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان دىنىي توپلۇقلاردىن خرىستىئان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىرىنچى نۆۋەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان جەيمىي پاۋ خانىم ئۆز ئېرى خىتايدا مىسسىئونېرلىق قىلىش جەريانىدا تارتقان خورلۇقلارنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرى 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئۇنىڭ ئاخىرىدىن تاھىر ھامۇت سەھنىگە چىقىپ، ئۆزى ۋە ئۆزى تەۋە مىللىي توپلۇق-ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملار ھەققىدە توختالدى.

تاھىر ھامۇت سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يىغىن ئۆز كۈن تەرتىپى بويىچە داۋام قىلدى. چۈشلۈك دەم ئېلىش ئەسناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاھىر ھامۇت يىغىن تەسىراتى ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇنىڭ نۇتقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

بۈگۈنكى يىغىندا ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدىن بىر نۇقتىدا بولسا، دىنىي ئەركىنكىن ئىلگىرى سورۇش تېمىسىدىكى خەلقئارالىق بۇ يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشىنى ۋە ئۇيغۇر ۋەكىلگە باشتا ئورۇن بېرىلىشى ئىدى. 

بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تاھىر ھامۇت بۇنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى ئورنىغا باغلاپ چۈشەندۈردى.

دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 24-ئىيۇلدىن 26 ئىيۇلغىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسىمۇ، يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇنقى يانداش پائالىيەتلەر 23-ئىيۇلدا باشلىنىپ قولغا ئىدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى 23-ئىيۇل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» موزىيى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى. 

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق موزىيى» 1940-يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ جەرياندا قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ پاجىئەسى باش تېما قىلىنغان موزىيى.

تاھىر ھامۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موزىيىدىكى پائالىيەت بېشىدا سۆزگە چىققان ئالاھىدە ئەلچى سام بروۋنبەك بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ دۇنيادا يەنە مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت