ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2016.04.04

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېرىم سائەتلىك يىراقلىقتىكى مەرىيلەندە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت شۇنداقلا تۇنجى تۈرك ئىسلام ئورگىنى بولغان «دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2-ئاپرېل كۈنى ئېچىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەپىقىسى ئامىنە ئەردوغان خانىم بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئالاھىدە قاتنىشىپ لېنتا كەستى ۋە پېشىن نامىزىنى مۇراسىمغا قاتناشقان نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئۆتىدى.
ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ دىيانەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ئىسلام مەركىزىدە يەنە دىنىي تەربىيە ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشتى ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ دىپلومىنى ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ، ئىسلام دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولغان «دىيانەت» جامىسى يوپۇق ئاچتى. تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان بۇ مەركەز ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە جەم قىلدى. 2-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، تۈركىيە دۆلەتلىك دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىىسىنىڭ باشلىقى دوكتور مەھمەت گۆرمەز، ئامېرىكىدىكى تۈرك جامائىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار ئىشتىراك قىلدى، مەھمەت گۆرمەز ۋە ئەردوغان ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.
پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە مەرىيلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ شۇڭا ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. بۈگۈنكى دىيانەت جامىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئاينۇر ۋە مەربىيە خانىملار گەرچە مەركەزنىڭ يوپۇقى بۈگۈن ئېچىلغان بولسىمۇ، بىر قانچە ئايدىن بۇيان بۇ تۈرك جامىسىنىڭ بۇ رايوندىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭمۇ ئائىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى، جامىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئۇلارنىڭمۇ قىزغىن قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىۋېلىش ئارزۇسىدا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ مەركەز ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىگە ئاساسەن دۆلەت تەۋەلىكى، ئېرق ياكى مىللەت، تىل ئايرىمىغان ھالدا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى توغرا ۋە كۈندىلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش، ئېتىقاد، ئىبادەت، ئەخلاق پرىنسىپلىرىدا رەھبەرلىك قىلىش، ئادالەت، تىنچلىق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى دىيانەت ئىشلىرى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن 2013-يىلى باشلانغان. بۇ مەركەز ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېقىن بولغان مەرىيلەن شىتاتىنىڭ لانھام رايونىغا جايلاشقان. تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ قارىمىقىدىكى بۇ جامىنىڭ ئۇلىدىكى تۇنجى تاشنى تۈركىيە جۇمھۇريىتى رەئىسى ئەردوغان ئۆزى قويغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 110 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، جامى 16-ئەسىردىكى ئوسمانلى بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئاساسىدا، تۈرك مېمارچىلىق سەنئىتىنى نامايان قىلىنغان ئاساستا بەرپا قىلىنغان. جامىنىڭ كۆلىمى 1 مىڭ 879 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 3 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ، جامى ئاستىدا 300 كۋادرات مېتىرلىق ئىسلام يادىكارلىقلىرى مۇزىيى جايلاشقان. بۇ مەركەز، جامەدىن باشقا، مەدەنىيەت مەركىزى، كۇتۇبخانا، پائالىيەت ۋە زىياپەت زالى، مۇزېي، مېھمانخانا ۋە ئەنئەنىۋىي تۈرك ھامماملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەدەنىيەت مەركىزىگە قاراشلىق ئىسلام تەتقىقاتلىرى مەركىزى بولسا ئالىي مەكتەپ، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش، ياش ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم -تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى جامىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىسلام مەركىزىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مەركەزدە قۇرئان كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن قىسقىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا چىمەن دوپپا ۋە كانىۋا كۆينەك بىلەن ئولتۇرغان ئۇيغۇر پەرزەنتى بۇغرا ئاتاخان قاتارلىق ئۆسمۈر بالىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇلارغا دىپلوملىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلىپ خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئامىنە ئەردوغان، پېشىن نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئوقىدى. ئەردوغان ئۆزى قىرائەت قىلدى، پۈتۈن جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئەتراپىغا ئولاشقان مۇسۇلمانلار بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشۈپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. بۇ پۇرسەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالاھىدە سالىمىنى يەتكۈزگىنىمىزدە، ئۇلار ئىنتايىن مەمنۇن بولدى ۋە تۈرك خەلقى ۋە ئۆزلىرى نامىدىن ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر سالام يوللىدى.
پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئىسلام مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يوپۇقىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەردوغاننىڭ ئۆزى كېلىپ ئېچىشى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۈمىد، رىغبەت ۋە تەسەللى بولدى. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ شۇنداقلا، ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كۆتۈرۈلگەن سەلبىي قاراشلارغا قارىتا بېرىلگەن بىر كۈچلۈك سېگنال سۈپىتىدە مۇلاھىزە قىلىنماقتا.