مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ قەشقەر، يېڭىسار ۋە قاراقاشتىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەندى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.14
2016.12.14
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا قەشقەر توققۇزاقتا ئېلىپ بېرىلغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ قەشقەشەھىرى بىلەن يېڭىسار ۋە قارىقاش ناھىيسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەندى. يەرلىك ساقچى ۋە شەھەرلىك مىللىي-دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە مەسچىتلەرنى«ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىدە ھەر بىر كەنتتە بىر ياكى ئىككىلا مەسچىت ساقلاپ قېلىنغان، مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەر پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەھەللە مەسچىتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 70%دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.