مەمەت توختى ئەپەندى: مەسچىت چېقىش پىلانلىق ھالدا قاتتىق زەربە بېرىشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.20
xitay-saqchi-meschit-charlash.jpg خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن مەسچىت ئەتراپىنى چارلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 10-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

يەرلىك ساقچى ۋە خادىملار ئۆز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى داۋامىدا يەرلىك ئاھالە ياكى مەسچىت جامائىتىدىن قاتتىق بىر نارازىلىق ياكى قارشىلىق ھەرىكىتى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار يەنە مەسچىتلەر چېقىلىشتىن ئاۋۋال تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، مەسچىت ھەيئەتلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ماقۇللۇق ئىمزاسى ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ مەسچىت چېقىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىمالى بار كىشىلەرنى تۈرمىگە سولىغانلىقىنى ۋە جەمئىيەتتە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەسچىت چېقىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ زوراۋانلىققا پېتىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەرلىك دائىرىلەر ئۆز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئاساسەن دېگۈدەك ۋەقە چىقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر مەسچىت چېقىشتىن ئاۋۋال ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بارغان، بەزى جايلاردا مەسچىت ھەيئەتلىرىنىڭ، بەزى جايلاردا ئاھالىلەرنىڭ ماقۇللۇق ئىمزاسىنى ئالغان. سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەسچىت چېقىش، جەمئىيەت ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالايدىغان بىر زوراۋانلىق ئەمەس، ئەمما رايوندا 2014-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن جەريانىدا، قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە جەمئىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە ۋەھىمە پەيدا بولغان. يەنە مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاساسەن، ئەسلىدە مەسچىت چېقىشتىن ئىبارەت بۇنداق بىر زوراۋانلىققا يەرلىك خەلقنىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئەسلىدە مۇمكىنسىزلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق زەربە بېرىشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، غوۋغاسىز ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەشقەر ۋە خوتەنلەردە مەسچىت چېقىش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى رايوندا ئاخبارات كونتروللۇقىنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتكەن، ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا جەرىمانە قويىدىغانلىقى قاتارلىق يەنە بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ مانا بۇ بەلگىلىمىلىرىنىمۇ، ئېلىپ بارغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، خىتاي قەشقەر، خوتەنلەردە ئېلىپ بارغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.