قارامايدا ياشلارنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى مۇھەممەتجان ئابدۇللا (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014.12.10
muhemmetjan-abdulla-qaramay-305.jpg قاراماي شەھىرىدىكى ياشلارنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ دىنىي تەشۋىقات تەربىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان دەۋەتچى مەرھۇم مۇھەممەتجان ئابدۇللا.
RFA/Éhsan

مۇھەممەتجاننىڭ قاراماي شەھىرىدىكى مەشرەپ شەكلىدىكى تويلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە، قاراماي ياشلىرىدا شەكىللەنگەن ئۆزگىرىشلەردىن ئەنسىرىگەن قاراماي دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئىدارىسى، بىر مەزگىل ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈپ پايلاقچىلىق قىلىش ئارقىلىق، 1996-يىلى 2-ئايدا ئۇنى قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن بوھتان بىلەن 3 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ھەمدە شىخۇ تۈرمىسىگە قامىدى. ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قىيىن قىستاقلىرىغا دۇچ كەلدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان شاھىت‏ - ئابدۇللا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.