مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، بۇ ئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى، سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇنداقلا ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان كېلىۋاتقان دىنلىرىغا ئەركىن ئېتىقاد قىلىشى، دىنىي ئەنئەنىلىرىنى تەرغىب قىلىشى ئۈچۈنمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كەڭ مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىلغان. شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىنغا كۆپلەپ كىرىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇۋاتماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا دىنىي كادىرلار يېتەرلىكمۇ؟ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى قانچىلىك دەرىجىدە؟ ياشلارنىڭ بۇنىڭغا كۆز قارىشى قانداق؟
بۇ ھەقتە دىنىي زاتلاردىن ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سەدىردىن ھاجىم ھەمدە گۈلدالا يېزىسى تۇرغۇنى يارمەھەممەت قارىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.
- سەدىردىن ھاجىم، مۇشۇ يەردىكى مەسچىتلەرنىڭ بىلىملىك كادىرلار بىلەن تەمىنلىنىشى سىزنى قانائەتلەندۈرەمدۇ؟
- ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان تەرەپلەردە دىنىي جەھەتتىن بىلىمىمىز ناھايىتى تۆۋەن. ھەتتا مۇشۇ يەردىكى بار مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلغۇدەك بىلىملىك كادىرلىرىمىز ئومۇمەن يوق ھالەتتە.
- سىز ياخشى بىلىسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىقى مۇشۇ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدە ياشايدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئوقۇپ يېتىشكەن دىنىي كادىرلار بارمۇ؟
- قازاقىستاندا 250 مىڭ ئۇيغۇر بولسا، شۇنىڭدىن 10 مىڭ ئادەمگە بىر نەپەر ئوقۇپ چىققان بالا تەڭ كەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتە دىنىمىز قائىدىلىرىنى كىم چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ مۇنداق ئەھۋال ئاساسەن قەيەرلەردە بايقىلىدۇ؟
- بولۇپمۇ مەھەللىلەردە. ھازىر باشقا مىللەتتىكى ئوقۇغان بالىلار بولسا، شۇلارنى تىڭشاپ، ئاڭ - سېزىمى كۆتىرىلىپ قالار. ئەمما ھەممىسىلا ئالماتا شەھىرىدە ياشىمايدىغۇ. مەھەللە - مەھەللىلەرگە بارسىڭىز، دىنىي ساۋاتىنى ئايىقىغىچە چىقارغان ئادەم تاپالمايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنىڭ ئىبادەتلىرى ناھايىتى چىگىچ ھالەتتە. نېمىشقا، بىلىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن.
- شۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمىدىن دەپ ئويلايسىز؟
- سەۋەبى ئىچىمىزدىن، يەنى ئاتا - ئانىلار بولسۇن، چوڭلار بولسۇن، بالىلىرىنىڭ دۇنيالىق بىلىمىنى ئويلايدىيۇ، بىراق دۇنيالىق بىلىمىنى دۇرۇس ئىشلىتىش ئۈچۈن روھانىي قانائەت تولۇق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيۋاتىدۇ. پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىن بىلىمىگە دىققىتى سۇسلىشىپ كەتتى.
- چوڭقۇر بىلىمسىز دىنغا ئېتىقاد قىلىش مۇمكىن ئەمەس دېمەكچىسىزغۇ؟
- ھە، بىلىمى يوق ئادەم قاراڭغۇلۇقتا بولىدۇ. بىز ھازىرقى ۋاقىتتا بىلىمىمىزنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىزمۇ ھېس قىلالمايۋاتىمىز. چۈنكى يۈرىكىمىز بىلەن، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمىز بىلەن دۇنياغا بېرىلىپ كېتىپ بارىمىز.
- سۆھبىتىڭىزگە رەھمەت!
- يارمەھەممەت قارىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنغا كۆپلەپ كىرىشى نېمىنىڭ بەلگىسى دەپ ئويلايسىز؟
- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنغا بېرىلىۋاتقانلىقى ئىسلامنىڭ بەش پەرىزىنى ئادا قىلىشنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىدىن دەپ ئويلايمەن. ئامما ھەقىقەتەنمۇ دىنىي بىلىم سەۋىيەسى تەرىپىدىن بىر ئاز كەمچىلىكلەر بولۇشى مۇمكىن.
- نېمە سەۋەبتىن؟
- چۈنكى كۆپلىگەن ياشلارنىڭ دىن ھەققىدە چوڭقۇر بىلىملىرى يوق. ئوقۇش ئورۇنلىرى ئاز بولغانلىقتىن ئۇلار ئىماملاردىن، ئىنتېرنېتتىن، ناماز ئوقۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن قىسقىچە ئۈگىنىپ، ئىبادەتلەرگە ئىنتىلىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىدا چوڭقۇر بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىش يوقتەك بىلىنىدۇ. ئىبادەتلەرنىڭ شەكلىي تەرىپىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنىڭ ئىچكى مەقسەتلىرى، سىرلىرى، ھېكمەتلىرىگە بەزىدە كۆڭۈل بۆلۈنمەيۋاتىدۇ.
- ياشلارنىڭ مۇنداق بولۇشىدا يەنە قانداق سەۋەبلەر بار دەپ ئويلايسىز؟
- ياشلارغا خاس خىسلەتلەر ئالدىراقسانلىق ياكى بىر يېڭىلىقنى بىلىپ قالسا، ئۇنى چوڭقۇر چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارنى باشقىلارنىڭمۇ چۈشەنمىگىنىگە سەۋىرلىك قىلمايدىغان ئەھۋاللار بار.
- بۇنىڭ بارلىقىنى دۇرۇس يولغا قويۇشنىڭ ئاماللىرى بارمۇ؟
- ئوتتۇرا ئاسىيا دىيارىدا 70 يىللىق كوممۇنىزم دەۋرىدە بۇ مەملىكەتلەر ئىسلام دىنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. ھازىر بولسا ئويغىنىش بولۇۋاتىدۇ. ياشلارغا دۇرۇس بىلىم، تەربىيە، ئىسلامنىڭ دۇرۇس مەلۇماتىنى تەمىنلىيەلىسەك، ئىماملار ئۇلارنى يېتىلەپ ئېلىپ ماڭالىسا، بۇ كەمچىلىكلەر تۈزۈلەمدىكىن، دەپ ئويلايمەن.
- سۆھبىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
0:00 / 0:00