سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىر ۋەتەنپەرۋەر ئالىمىدىن ئايرىلدى
2013.10.29

ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىجرەت قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى شۇ ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان باشقا مىللەتلەرنىڭ سانىدىن ئەلۋەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى پېشقەدەم ئۇيغۇرلار سۆزلىمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن ۋاقتى 1949-1950-يىللىرى ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئاساسەن ئۆلۈپ تۈگىگەن. ھازىرقىلاردىن پېشقەدەم سانالغانلىرى پەقەت ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردۇر. شۇنداقتىمۇ بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بەزىلىرى بۈگۈنگىچە ياشىغان.
مەسىلەن: ئۆتكەن ھەپتە 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئەھمەد توختى ھاجىم شۇنداق بىرىنچى ئەۋلاد پېشقەدەملىرىدىن بىرى ئىدى. مەرھۇم ئەھمەد توختى ھاجىم چەتئەللەردە دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئەزىمەتلەردىن بىرى ئىكەن. بۇ كىشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن ۋە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىشتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ كىشى ۋاپات بولغىنىدا يېشى توقساندىن ئاشقان ئىكەن.
مەرھۇم ئەھمەد توختى ھاجىم توغرىلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.