تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قانداق كۈتىۋالدى؟
2018.08.22

قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پروفېسسور ئالى ئەرباش ئەپەندى مەككىنىڭ ئارافات دېگەن جايىدا ھەج ئىبادىتىنى بىجا كەلتۈرىۋاتقان ھاجىلار بىلەن بىللە قىلغان دۇئاسىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى.
ئۇ دۇئاسىدا: «بىز زالىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى توسالمىدۇق، سەن توسقىن، ئاللاھىم!» دېدى. ئۇ يەنە دۇئاسىدا مۇنداق دېدى: «بالىلار يېتىم، ئانىلار بالىسىز قېلىۋاتىدۇ، دادىلار چارە تاپالمايۋاتىدۇ. ئالجىغان زالىملار ئىسلام دۇنياسىدا يامانلىقنىڭ ئۈستىگە يامانلىق قىلىۋاتىدۇ. قۇدۇس ئىشغال قىلىنىۋاتىدۇ. باغدات ۋە دەمەشق يەر بىلەن يەكسان قىلىنىۋاتىدۇ. روھىنگادا، شەرقىي تۈركىستاندا ئادەملەر قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ، زۇلۇمنى توسالمىدۇق، زالىملارنى توختىتالمىدۇق. ئاجىزلىقىمىزنى ساڭا يەتكۈزۈۋاتىمىز، بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بەرگىن، بىگۇناھ كىشىلەرنى قۇتقۇزغىن، خۇدايىم، ...»
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەككىدىكى ئارافات تېغىدا بۇ دۇئانى قىلغاندا تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم تۈركىيە رەھبەرلىرىمۇ نەق مەيداندا بار ئىدى. تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مەزكۇر نۇتۇقنى نەق مەيداندىن تارقاتتى. بۈگۈن، يەنى 21-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇربان ھېيت نامىزىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى. تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىنىڭ ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىپ قۇربانلىق قويلارنى سويۇۋاتقان شۇ پەيتلەردە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئېغىر كەيپىيات ئىلكىدە كۆتىۋالدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىسى بويىچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ھېيىت نامىزىنى ئوقۇپ، قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ھېيت باشلىدى.
بىز تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن قەيسەرى ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. ئۇلار قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقتىن ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقتىن كۆڭۈللىرىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالمۇرات سۈيدۈنلۈ ئەپەندى بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى، نامازدىن كېيىن قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خالمۇرات سۈيدۈنلۈ ئەپەندى بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا تۆۋەن كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يېرىم ھالدا ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، چۈنكى مىليونلىغان قېرىنداشلىرىنىڭ لاگېرلاردا قاماقلىق ھالدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنداقتا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى زادى قەيەردە؟
بىز ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. تۈركىيەگە كەلگىلى ئەمدىلا بىر يىل بولغان ئۇيغۇر مۇساپىر ئاسىيە خانىم يولدىشىنىڭ ۋەتەندە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 4 بالىسى بىلەن قۇربان ھېيتنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما يۈرەكلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنىش ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا ۋەتەندىكى ھېيت خاتىرىسىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاسىيە خانىم يەنە گەرچە ئەركىن دۆلەتتە ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تۈپەيلى كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ۋولقان بۇغرا ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى، تۈركلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولغاچقا، كۆڭلىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان قۇربانمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئىپارخان قۇربان بۇرۇنقى يىللاردا ۋەتىنىگە قايتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون ئارقىلىق بولسىمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن سالاملاشقانلىقىنى، بۇ يىل بۇ ئىمكانىيەتنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوققا چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.
كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۇبھىنۇر ئۆمەرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ھازىر ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مەھەللە بولسا، يەنە بىرى 2014-2015 يىللىرىدا مالايسىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق بەلسىن دۆلەت قورۇسىدۇر. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر 1500 ئەتراپىدا ئىكەن. ئەنقەرەدە دۆلەت ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزمەكتە.