تۈركىيەدە «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى
2013.04.26

تۈركىيەدە تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئالتە ئايدا بىر نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىدى.
تور ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىدا باش تەھرىرنىڭ «ئۇيغۇرشۇناسلارغا چاقىرىق» ناملىق خىتابى، پروفېسسورر دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «ئۇيغۇرلار شامانلىرى ۋە شامان ئادەتلىرى»، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «ياپون تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار»، دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «قەشقەر نەشرىياتچىلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش: قەشقەردە شىۋىت مىسيونېرلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر» ناملىق ماقالىسى، دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ «ئالدى بىلەن ئانا تىلنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۆرلۈكىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ۋە دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسى، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىىنىڭ «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان نېفىت ۋە تەبئىي گاز ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا نەزەر» ۋە بېيكەنت ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغفىرەت كېمال يۇنۇسوغلى خانىمنىڭ «موللا بىلال نازىم ۋە ئۇنىڭ داستانلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى قاتارلىق 9 پارچە ماقالە بېسىلغان. بۇلاردىن باشقا يېڭى نەشر قىلىنغان كىتابلار تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلارمۇ ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھالدا «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئىلمىي ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە ئۈچ تىلدا نەشر قىلىنماقچى. تۇنجى سانى پەقەتلا تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ قانۇنىي جاۋابكارى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتتىن ئالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە ماقالىلەردە تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ترانسكىرىپسىيون بەلگىسى ئىشلىتىلىدىكەن. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرچىىنىڭ يېڭى ئىملاسى ئىشلىتىلىدىكەن.
ژۇرنالنىڭ تەھرىر ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
قانۇنىي جاۋابكارى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، باش تەھرىر دوكتور ئۆزگۈر ئاي، تەھرىر ھەيئىتى دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دوكتور ئەسئەت سۇلايمان، پروفېسسورر دوكتور گۈلەر گۈلسەۋىن، دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، دوكتور ئىلھام توختى، دوكتور مەمەتتۇرسۇن ئەردەم، دوكتور مەغفىرەت كېمال يۇنۇسوغلى، دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىقلار. بىز ژۇرنال ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ژۇرنالنىڭ قانۇنى جاۋابكارى ئالىمجان ئىنايەت ۋە تەھرىر ھەيئىتى ئەزاسى مەغفىرەت كېمال خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ژۇرنالنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.uygurarastirmalari.com/Anasayfa.aspx