دىلشات رىشىت: «ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرى ئېلان قىلغان ئوچۇق خەت مەجبۇرىي يېزىلغان»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014.07.01
urumchi-qoralliq-saqchi-20130630.jpg ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان رايونلارنىڭ كوچىلىرىغا قويۇلغان قوراللىق ساقچىلار. 2013-يىلى 30-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئاخبارات تورلىرىدا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر «مەڭگۈ سۈكۈتتە تۇرمايمىز، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز» دېگەن تېمىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ئوچۇق خەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى ئازاد سۇلتان باشچىلىقىدا ئاتاقلىق يازغۇچىلاردىن بۇغدا ئابدۇللا قاتارلىقلارنىڭ يازغانلىقىنى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بىز بۇ خەۋەرگە قارىتا، كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرنىڭ بۇ تېمىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا ئۆز قارىشىنى بۇنداق بايان قىلدى:
«خىتاينىڭ 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرنى‏-ئاتاقلىق زىيالىيلىرىمىزنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىشىنىڭ ئۆزى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغزى ۋە قولى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتىنى يوق قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ بېشارىتى. بۇ زىيالىيلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىدىكى نەپرىتىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاينىڭ بۇ سىياسىي تەشۋىقاتىغا مەجبۇرىي قاتنىشىۋاتىدۇ. 200 دىن ئارتۇق زىيالىينىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان، ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇمىغان، مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قارايدىغان زىيالىيلاردىن بولۇشى مۇمكىن.»

دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ، بۇ زىيالىيلىرىمىزنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئۆزى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، بۇ زىيالىيلارنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمىنىڭ ئوغلى، قىزلىرىنىمۇ تېلېۋىزوردا مەجبۇرىي ئانىسىغا قارشى سۆزلەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ زىيالىيلارنىڭمۇ، دېمىگەن گېپىنى دېدى دەپ ئېلان قىلىشىدىن ئەجەپلەنمەيمىز. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھەر خىل شەكىلدە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئىنتىلىش يولىدا ھەرگىز توختاپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.