خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەسچىتنىڭ ئۈستىدە چارلاۋاتقان تىكئۇچار ئايروپىلان. 2009-يىلى 11-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
مەسچىتنىڭ ئۈستىدە چارلاۋاتقان تىكئۇچار ئايروپىلان. 2009-يىلى 11-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP Photo/Ng Han Guan

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ 2018‏-يىللىق دوكلاتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ باشچىلىقىدا يېڭى بىر «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، بىخەتەرلىكنىڭ قاتتىق كۈچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى»، «سىياسىي ئۆگىنىش مەركىزى» ياكى «تەربىيىلەش ۋە ئۆزگەرتىش مەركىزى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇنلارنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلاردا تەسىس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. دوكلاتتا، بۇ ئورۇنلاردىكى كىشىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، قەرەلسىز سولىنىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلار خىتاينىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» تەنقىد قىلىنغان. مەزكۇر نىزام 2017‏-يىلى مارتتا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي قائىدە يوسۇنلار «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى نىزامىدا «ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈش ياكى ئاڭلاشنى رەت قىلىش، بۇرقا كىيىش، بىنورمال» ساقال قويۇش، دۆلەتنىڭ سىياسىتى بىلەن تىركىشىش، ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ماقالە، نەشر ئەپكارلىرىنى ياكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى نەشر قىلىش، چۈشۈرۈش، ساقلاش، ئوقۇش دېگەندەك نۇرغۇن سۆز-ھەرىكەتلەرنى ‹ئەسەبىيلىك› قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇلغان.» 

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە بولۇپمۇ ئۇنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە بۇراشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش كۆلىمى خەتەرلىك ئەھۋالغا بارغانلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىدىكى مەقسىتىنى چۈشىنىش مۈشكۈللۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇلرىخ دېلئىۇس مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئالغان تەسىراتىمىز شۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا غايەت زور كۆلەملىك تۈرمە قۇرۇپ چىقماقتا. بىز ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ كۆلىمىدىن ئەندىشىگە چۈشتۇق. بىز، بۇ جازالاشنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك زورلۇقىنى ئانالىز قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقانغا 25 بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقاچان ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق زور كۆلەمدە جازالاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر بىر كىشىنى ۋە ھەربىر ھەرىكەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇڭا، مەن ئۇلارنىڭ پۈتۈن (ئۇيغۇر) خەلقىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىدىكى مەقسەت-مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتىمەن.» 

ئۇلرىخ دېلئىۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا باشقا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراشتەك بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقتا ئىكەن. 

دېلىۇس مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇققا بولغان قىزىقىش يوقمۇ ياكى ئۇنىڭغا بولغان سىياسىي ئىرادە ئاجىزمۇ، دېگەن مەسىلىدە مەن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىدىن كۆپرەك سىياسىي ئىرادە ئاجىز، دەپ قارايمەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي تەسىرى سەۋەبلىك بۇ مەسىلىگە تەگمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ھەر خىل. ئەمما، بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ بەك ئازلىقى ئەمەس. بەلكى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. چۈنكى، ئۇلار كۆپ ھاللاردا بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىشى، ئۇلارنىڭ نەپرەتكە تولغان سۆز ھەرىكەتلىرى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە بەزى ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش خاھىشى بەزى دۆلەتلەردە يۇقىرىقى گۇرۇھلارغا قارشى قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى شالىل شەتىي پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بىرمادىكى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان قىرغىنچىلىق ئۇزۇن يىللىق تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز 2017‏-يىلى بىرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان، گېنېرال مىڭ ئانلەن باشچىلىق قىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىدىنمۇ ئېنىق بىر تىپىك مىسالنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بۇ قىرغىنچىلىق 600 مىڭدىن ئارتۇق ئايال ۋە بالىلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشىغا سەۋەب بولدى. شۈبھىسىزكى، بۇ 2017‏-يىلدىكى ئەڭ زور ئىنسانىي پاجىئە. لېكىن بۇ پاجىئەنىڭ يىلتىزى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى روھىنگالارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان سىستېمىلىق كەمسىتىش ۋە نەپرەتتۇر.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا بەزى دىنىي ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىگەنلىكى، بۇرۇن قويۇلغان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى مايدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىغانلىقى، ئۇنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇرلاپ، قايتىپ كەلگەن بەزى ئوقۇغۇچىلارنى جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ‏بىلدۈرگەن. 

دوكلاتتا، مىسىردا ئوقۇپ 2015‏-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ 2017‏-يىلى مارتتا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى ئىيۇلدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. 

دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى، پۇقرالارنىڭ ئۆيىدىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا دىنىي بۇيۇملارنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلغانلىقى، تاپشۇرمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت