ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرى: خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە» گە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى دىنغا قارشى تۇرۇشتىكى شەكلى ئۆزگەرگەن سىياسىتى
2013.12.26
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخباراتلىرى، «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش»، دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا يىغىن ئېچىش ۋە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر دىنى ئالىملار، خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن دىنغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا قىزىقىۋاتقان دىننى ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگىتىۋاتقان كىشىلەرگە خىتاي دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇر دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارغا زەربە بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، بۇ خىتاينىڭ پۈتۈنلەي ئىنسانلارنىڭ نورمال ھەق-ھوقۇقى بولغان دىنىي ئەركىنلىكىگە قىلغان ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن 17-دېكابىر كۈنى «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايلى» دېگەن مەزمۇندا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دىنىي ئەسەبىيلىك دېگەن قانداق ئۇقۇم، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا راستىنىلا ئاشۇنداق دىنىي ئەسەبىيلىك ئەھۋالى مەۋجۇتمۇ؟ خىتاي بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈركىيە ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى، بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئوچۇق ئاشكارا دىنغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كىشىلەرنى دىنغا قارشى تۇرۇشقا ۋە دىننى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇ، خىتاينىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن دىنغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:
«خىتاي 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرىنى چەكلەپ خەلقىمىزنى دىنىي ئېتىقادتىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇپ كەلدى، خەلقىمىز دىننى تولۇق ئۆگىنىدىغان شارائىتقا ئىگە بولالماي كەلدى. خىتاي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان قىزىقىشى، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىك دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەسلىدە دىننى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھەق-ھوقۇقى. خەلقنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقىدىن مەھرۇم قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. دىنغا قىزىقىۋاتقان دىننى ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگىتىۋاتقان كىشىلەرگە دىنى ئەسەبىي دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ ئۇلارغا زەربە بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ پۈتۈنلەي ئىنسانلارنىڭ نورمال ھەق-ھوقۇقى بولغان دىنى ئەركىنلىكىگە قىلغان ھۇجۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقى.»