ئۇلۇغ رامزان كىرىشى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، روزا تۇتۇش، ئىپتار ۋە تاراۋى پائالىيەتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئەركىن دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان جامائىتى، ۋەتەنداشلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارماقتا.
ھىجرەتتىكى ھاياتىدا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە بىلىم ئاشۇرۇش ۋە يەنە ھەر تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن ئالدىراش ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەر يىلدىكى بىر ئاي روزا رامزان كۈنلىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆز-ئارا توپلىنىپ، جامائەت بولۇپ بىللە ئىبادەت قىلىش پۇرسەتلىرى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندىكى دىنىي ۋە ھاياتىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز، ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ئىقلىم، ۋاقىت پەرقلىرى تۈپەيلى، ئوخشىمىغان قىتئەلەردە مۇسۇلمانلار رامىزاننى بىر كۈن ئىلگىرى-كېيىن ھالدا كۈتۈۋېلىشتى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسەن 8-ئىيۇل رامىزانلىق ئىبادىتىنى رەسمىي باشلىدى، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيا شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە بىر قەدەر پائالىيەتچان تەقۋادارلاردىن غەيرەت ئەپەندى، ئەتراپتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ رامىزاننى ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا باشلىغانلىقىنى، جامائەتنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋەتۈرك جامائىتىنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىدىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم تەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامانلىقى ھەمدە شېھىتلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رامزان ئىبادىتىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار تەلپۈنىدىغان مەككىدە ئۈمرە قىلىپ ئۆتكۈزمەكتىنمۇ گۈزەل پۇرسەت بولماس، مەككىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆلىمالاردىن سىراجىدىن ھاجى، ھەرەمدىكى ئاجايىپ بۈيۈك رامزان كەيپىياتىنى تونۇشتۇردى ۋە بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەرنى مەسچىت ھەرەمدە ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قەۋملىرىگە قارىغاندا ساناقلىق ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ھەجىچىلەر ئارقىلىق ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلۇغ رامىزاندىمۇ خىتاينىڭ قاتمۇ- قات بېسىملىرىغا قارىماي ئىبادىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاللادىن ئاسانلىق ۋە ئامانلىق تىلىدى.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى، ئۇيغۇر جامائىتى بىر قەدەر كۆپ، ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى راۋاجلانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى، مىيونخىندا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ قېتىمقى رامىزاننىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا ئىپتارلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمان ئەل خەلقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۇئا تىلاۋەتلىرىدە شېھىتلارنى ئەسلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە رامزان ئايلىرىنىڭ ئىنتايىن خاتىرجەم، جۇشقۇن، كەڭ-كۇشادە، باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى، دىنىي زات جېلىل تۇران ئەپەندى، شۇنداقتىمۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىلىشلاردا، ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھال -ئەھۋالىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ۋەتىنى ۋە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك تىلەشنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق دۇئا تىلەك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.